− مول ھوسۇل بايرىمىدا يېڭى مەنزىرىنى كۆرۈش تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەر (3)
ئالتۇن كۈز ھوسۇل ئالىدىغان مەزگىل، شۇنداقلا ئەجىرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈلىدىغان پەسىل.
«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، جەزمەن قەتئىي بوشاشماي يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك». 7- قېتىملىق «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقانلار ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.
ئۈرۈمچىگە نەزەر سالساق، شورلۇق ساھىلدا شال باشاقلىرى شامالغا ئەگىشىپ يېنىك تەۋرىنىپ تۇراتتى؛ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزدا بۇغداي باشاقلىرى ئالتۇن رەڭگە كىرگەنىدى؛ چۆلدىكى سىلوس قوناقلىقىنىڭ چېتىگە كۆز يەتمەيتتى؛ ئاقىل سېختا، تىرىك سۇ مەھسۇلاتلىرى تىيانشاندىن «ھالقىپ» چىقماقتا ئىدى... ھەممە جاي مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمۈپ، ئۈمىدكە تولغانىدى.
يېڭى سورت، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئەندىزە، يېڭى جابدۇق، بۈگۈنكى كۈندە ئۈرۈمچى «يېڭىلىق»قا ئىنتىلىپ «سۈپەت»نى قوغلىشىپ، ياخشى ئېتىز، ياخشى سورت، ياخشى پەرۋىش، ياخشى دېھقانچىلىق ماشىنىسى، ياخشى تۈزۈم- تەدبىردىن پايدىلىنىپ زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، «زامانىۋى تېرىقچىلىق خەرىتىسى»نى بارلىققا كەلتۈردى.
مۇقىم بولۇشقا ئىنتىلىپ، يېڭىلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش
ئېتىزلاردا يېڭى كەيپىيات نامايان بولدى
«قاراڭلار، كەڭرى كەتكەن بۇ ئېتىزلارنىڭ ھەممىسى شورغا چىداملىق شال تەجرىبە ئېتىزى». شال تېرىغۇچى گۇ باۋشىن 9- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۈرۈمچى مىدۇڭ رايونى سەنداۋبا بازىرى خۇاڭگۇڭ كەنتىدە 60 مو كېلىدىغان شاللىقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئاپئاق شورلۇق ئىدى، ھازىر ھەر يىلى بۇ يەردىكى شالدىن ھوسۇل ئېلىنىۋاتىدۇ».
بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن گۇ باۋشىننىڭ يەنە بىر سالاھىيىتى بار، يەنى دۆلەت شورغا چىداملىق شال تېخنىكىسى يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى غەربىي شىمال مەركىزىنىڭ مىدۇڭ رايونىدىكى شالنىڭ شورغا چىداملىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ تېخنىكى.
«ئون يىلنىڭ توققۇز يىلىدا ھوسۇل ئېلىنمايدىغان» شورلۇق يەرنىڭ «مول ھوسۇل بەرگەن شالنىڭ خۇش ھىدى تارايدىغان» ياخشى ئېتىز، مۇنبەت تۇپراققا ئايلىنىشىدا پەن- تېخنىكا ئاچقۇچ بولدى.
2018- يىلى، دۆلەت شورغا چىداملىق شال تېخنىكىسى يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ غەربىي شىمال مەركىزى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاشلىق زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنى قاتارلىق يەتتە ئورۇن بىرلىكتە خۇاڭگۇڭ كەنتىدىكى شال ئېتىزلىرىنى شالنىڭ شورغا چىداملىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قىلىپ تاللىغانىدى.
ئۇزاق مەزگىل شورغا چىداملىق شال تەتقىقاتى ھەم ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغان شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاشلىق زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى لى دۇڭ مۇنداق دېدى: «خۇاڭگۇڭ كەنتىدە شال تېرىقچىلىق كۆلىمى چوڭ، قىسمەن تۇپراقنىڭ شورلىشىشى ئېغىر. شورغا چىداملىق شالنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆستۈرۈش پۈتۈن شىنجاڭدا ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە».
شورلۇق يەر خۇددى جاھىل كېسەل «كالا تەمرەتكىسى»گە ئوخشايدۇ، شۇنداقلا يەنە ئىنتايىن يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە زاپاس «يېڭى ئاشلىق ئامبىرى» ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە بۇ بازىنىڭ تۈرتكىسىدە، خۇاڭگۇڭ كەنتى شورغا چىداملىق شال (دېڭىز شالى) سورتىنى تېرىش ئارقىلىق شورلۇق يەرلەرنى تەدرىجىي ياخشىلاپ، شال ھوسۇلىنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتمەكتە.
ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشتا، ياخشى ئېتىز كاپالەتتۇر.
ئۈرۈمچى داۋانچىڭ رايونى شىگوۋ يېزىسى شۈيمو كەنتىدىكى بۇغداي تېرىش چوڭ ئائىلىسىدىكى لى جيەنيۈەن نەچچە كۈندىن بۇيان بۇ يىللىق ھوسۇلنى ھېسابلىدى، «يېڭى سورتتىن ياخشى ھوسۇل ئاپتۇق، كېلەر يىلى داۋاملىق تېرىيمىز».
لى جيەنيۈەننىڭ بۇغدايلىقىغا كىرگەندە، يەرگە ياتقۇزۇلغان تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسىنى كۆرگىلى بولاتتى، ئېتىز بويىغا تىكلەنگەن تاختايغا مۇنداق يېزىلغانىدى: يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كۆرگەزمە بازىسى (يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش)، يېتەكچى سورت ـــ شىنچۇن 50- نومۇر نۇقتىلىق كېڭەيتىلىدۇ: ئاساسىي غولدىن باشاق چىقىدۇ، يۇقىرى زىچلىقتا تېرىش، قۇرۇق تېرىپ، ئاز- ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش، دەل جايىدا تىزگىنلەش، سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، «بىرنى پۈركۈش، ئۈچتىن مۇداپىئەلىنىش» قاتارلىق يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى قوللىنىلىدۇ، بۇغداي تېرىش ماشىنىسى، سۇغىرىش، ئوغۇتلاش بىر گەۋدىلەشكەن ئۈسكۈنە، ئۆسۈملۈك ئاسراشقا ئىشلىتىلىدىغان تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ قاتارلىق ئەسلىھە جابدۇقلار ئىشلىتىلىدۇ...
لى جيەنيۈەن مۇنداق دېدى: «بۇ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزغا تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى ياتقۇزۇلدى، تېرىلغان بۇغدايلارمۇ يېڭى سورت بولۇپ، مو بېشىدىن ئېلىنىدىغان ھوسۇل 100 كىلوگىرامدىن ئارتۇق ئاشتى».
سورتلۇق ئۇرۇقنى تاللاش، ياخشى ئۇسۇلنى قوللىنىش، ئاشلىقنى ياخشى تېرىش، مول ھوسۇل شادلىقى يېزا ئىگىلىكى پەن- تېخنىكا تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ.
نۆۋەتتە داۋانچىڭ رايونىدىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز تەخمىنەن 18 مىڭ 200 موغا يەتتى. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىش جەريانىدا، ئاساسلىقى ئېتىزغا سۇغىرىش ۋە سۇ چىقىرىۋېتىش ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئېتىز ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشلەشكەن، تولۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، ماشىنىلاشقان مەشغۇلات ۋە تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇشقا قولايلىق يارىتىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى، تېرىلغۇ يەر سۈپىتى سىجىل ئۆستۈرۈلدى.
لى جيەنيۈەن مۇنداق دېدى: يېڭى سورتلۇق بۇغداينىڭ يېتىپ قېلىشقا تاقابىل تۇرۇشچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزدا كەسىپلەشكەن، ماشىنىلاشقان مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق پۇلنى تېجىگىلى، كۈچنى تېجىگىلى، ۋاقىتنى تېجىگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تېمىتىپ سۇغىرىپ تېرىش ئارقىلىق بۇغداينىڭ قۇرغاق ياكى ناچار ھاۋا رايىدا مۇقىم ئۆسۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى، ھەر مو يەردىن يەنە 22.8 يۈەن سۇ ھەققى ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ، بۇ يەر تېرىش تەننەرخىمىزنى يەنىمۇ تېجەپ قالدى.
لى جيەنيۈەن خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: «ياخشى سىياسەت ئاساسقا تىرەك بولدى، پەن- تېخنىكا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولدى، ئەڭ مۇھىمى تىرىشچانلىقىمىز مېۋە بەردى!».
پەن- تېخنىكا ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا كۈچ قوشتى.
مىدۇڭ رايونى ياڭماۋگۇڭ بازىرى لېيجياتاڭ كەنتىدىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسىدىكى گو چياۋلەن 9- ئاينىڭ 22- كۈنى ھوسۇل ئېلىش ئالدىدا تۇرغان كەڭ كەتكەن خۇڭشۇ ئېتىزىغا قاراپ خۇشاللىقىدىن مۇنداق دېدى: «بىز خۇڭشۇ تېرىقچىلىقىدا مىكروبسىزلاندۇرۇلغان مايسىنى كۆچۈرۈپ كېڭەيتتۇق، يەنە بىرنەچچە خىل يۇقىرى دەرىجىلىك سورتنى كىرگۈزدۇق».
گو چياۋلەن مىدۇڭ رايونى شۇجىيۈەن ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ مەسئۇلى. بۇ يىل لېيجياتاڭ كەنتىدە 1500 مو يەرگە خۇڭشۇ تېرىدى.
ئۇرۇق يېزا ئىگىلىكىنىڭ «ئۆزىكى» دەپ تەرىپلىنىدۇ، ئۇ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ جان تومۇرى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاشلىق زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ خاس ئاشلىق زىرائەتلىرى بويىچە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى خۇڭشۇ كەسپى تېخنىكا سىستېمىسى جىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەجرىبە پونكىتىدىن تۆت خىل خۇڭشۇ يېڭى سورتىنى كىرگۈزۈپ، ئۈرۈمچىدە سورتلارنى باھالاش سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، مىدۇڭ رايونلۇق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، سۇ مەھسۇلاتلىرى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزى بىلەن بىرلىشىپ ئۈلگە كۆرسىتىپ كۆرگەزمە قىلدى. بۇ تۆت سورتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلى بىردەك 110 كۈن ئەتراپىدا بولۇپ، تەمى ياخشى، كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك، ھوسۇلى بىرقەدەر يۇقىرى، ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدىكى تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر بىردەك ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جايدىن ياخشى بولدى.
گو چياۋلەن مۇنداق دېدى: «بولۇپمۇ بۇ بىرنەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك خۇڭشۇ سورتىنىڭ تەمى تاتلىق، يۇمشاق بولۇپ، بازار باھاسى ئادەتتىكى خۇڭشۇنىڭ باھاسىدىن يۇقىرى، شۇڭا ئاي ئاخىرىدا كولاپ ئېلىۋالغاندىن كېيىن، ئېسىل سوۋغاتلىق قاپقا ئوراپ قاچىلاشنى پىلانلىدۇق».
سۈپەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش
ئېلىنغان مول ھوسۇلنىڭ سۈپىتى ئادەتتىكىچە ئەمەس
نەنسەن ئېتىكىدىكى ئۈرۈمچى ناھىيەسى بەنفاڭگوۋ بازىرى بەنفاڭگوۋ كەنتىدىكى ياۋا موگو ئۆستۈرۈلىدىغان جاينىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.
تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ما جيەنجۈن مۇنداق دېدى: «گەرچە ئالدىراش بولساممۇ يەنىلا بەك خۇشالمەن! كەنتنىڭ قوللىشى ۋە يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ياۋا موگۇ شۇنداق ياخشى ئۆستى، بازىرىمۇ ئىتتىك بولۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 10- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ھوسۇل بېرىدىكەن».
ما جيەنجۈن موگودىن باشقا يەنە ئالدىنقى پەسىلدە موگونى ئۆستۈرۈش ئاساسىي ماتېرىيالىدىن پايدىلىنىپ، يەرنىڭ ئورگانىك ماددىسىنى ئاشۇرۇپ، قىزىل پوستلۇق ياڭيۇنىڭ يېڭى سورتىنى ئورگانىك ئۇسۇلدا تېرىدى، ساياھەتچىلەر نەق مەيدانغا كېلىپ يىغىۋالسا بولىدىغان بولغاچقا، بۇنىڭدىنمۇ خېلىلا يۇقىرى كىرىم قىلدى.
يېڭى سورت، يېڭى ئەندىزە، بۇ يىللىق جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىدا ئۈرۈمچىنى تېخىمۇ رەڭدار تۈسكە كىرگۈزدى.
بۇ ئالتۇن كۈزدە، نەچچە ئون چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئۈرۈمچى ناھىيەسى يۇڭفېڭ بازىرى يۇڭشېڭ كەنتىدىكى ئۆرۈكلۈك باغدا مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشتى.
يۇڭشېڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى فەن جىنلۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئۆرۈك، ئۆرۈكلۈك باغدا بېقىلغان توخۇلارغا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىپ رويخەتكە ئالدۇردۇق، ياڭيۇ ماركىسىنىمۇ رويخەتكە ئالدۇرۇۋاتىمىز. ھازىر، ئۆرۈكلۈك بېغىمىزدا ئېكولوگىيەلىك ئۇسۇلدا بېقىلىۋاتقان 1500 توخۇنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى سېتىلىپ بولدى، ئورمانلىقتا تېرىلغان ياڭيۇدىن 300 مىڭ يۈەندىن 400 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلالايدىغانلىقىمىز مۆلچەرلەندى».
يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى پۇختا، تەرەققىيات ئاساسى يېتەرلىك بولدى. مول ھوسۇل قورساق تويغۇزىدىغان ئوزۇق- تۈلۈك ھوسۇلى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ياخشى، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان ئومۇميۈزلۈك مول ھوسۇلدۇر.
رەڭلىك ياڭيۇ، قىپقىزىل گىلاس، تاتلىق ئەنجۈر... ئۈرۈمچىدە يېڭى سورت، يېڭى تېخنىكىنىڭ سىجىل قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئېكولوگىيەلىك، كۆپ خىل بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى.
باھاردا چېچىلغان ھەربىر تال ئۇرۇقتىن، كۈزدە ئېلىنار تۈمەنمىڭ تال دان. مول ھوسۇل شادلىقى دېھقانلارنى ھەقىقىي شادلاندۇردى.
سورتنى ئىنچىكە تاللاش، تېرىقچىلىق تەجرىبىسى مول بولۇش، تۈجۈپىلىك باشقۇرۇشنىڭ پايدىسىدا، بۇ يىل تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى سۇ چاڭشيۇ بەنفاڭگوۋ بازىرى چىنيۈەن مەھەللىسىدە 2200 مودىن ئارتۇق يەرگە باش پىياز تېرىپ، مو بېشى ھوسۇلىنى %10 ئەتراپىدا ئاشۇردى.
سۇ چاڭشيۇ مۇنداق دېدى: «ھەميېنىم تېخىمۇ تومپايدى».
قىممەتلىك مول ھوسۇل، ئېرىشىلگىنى شېرىن مېۋىلا ئەمەس، يەنە ھەميان تومپىيىشلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىدۇر.
ئۈرۈمچى ۋوئېرتۇ تيەنمۇ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئەلقار قۇسماقان داۋانچىڭ رايونى تىيانشان چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى سەنگېشەن سۈنئىي يەم- خەشەك بازىسىدا مۇنداق دېدى: «مۇتەخەسسىسلەر ياخشى ئۇرۇق ۋە ياخشى تېخنىكا بىلەن تەمىنلىگەچكە، تاشلىق يەرگە تېرىلغان سىلوس قوناقلىرى ياخشى ئۆسۈپلا قالماي، ھەتتا كىرىشتۈرۈپ تېرىلغان بېدە ۋە سۇلۇمۇ شۇنداق بۇلۇق ئۆستى».
ئىلگىرى ھەممە يېرى تاشلىق بولغان بۇ قاقاس چۆللۈك بۈگۈنكى كۈندە بۈك- باراقسان، ھاياتىي كۈچكە تولغان سىلوس قوناقلىقى ۋە تىزدىن ئېگىز ئۆسكەن سۇلۇلۇق، يوپۇرماقلىرى ياپيېشىل ئۆسكەن سۆسۈن چېچەكلىك بېدىلىككە ئايلاندى.
ئەلقار قۇسماقان تۇرۇشلۇق شىركەتتە 20 مىڭدىن ئارتۇق كالا، قوي، تۆگە قاتارلىق چارۋا بېقىلىدۇ. گەرچە بۇ بىرقانچە يىلدا بۇ يەردە سۈنئىي يەم- خەشەك بازىسى قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ھوسۇل مىقدارى تۆۋەن بولغاچقا، سىلوس قونىقىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى باشتىن- ئاخىر بىر توننىدىن ئىككى توننىغىچىلا بولۇپ كەلدى.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يەم- خەشەك تەجرىبە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى بۇ يىل 5- ئايدا بۇ يەرگە ماكانلاشتى، 100 مو يەرگە بېدە بىلەن سۇلۇ ئارىلاشتۇرۇپ تېرىلغان سۇلۇ ئېتىزلىقى، 200 مو يەر سىلوس كۆممىقونىقى ئېتىزلىقى بولۇپ، جەمئىي 300 مو تەجرىبە ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى بەرپا قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق باش پونكىتىنىڭ ئالىي ئاگرونومى جاڭ بۇليەن مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا، بىز نەق مەيداننى تەكشۈرگەندىن كېيىن، بۇ يەردە مەخسۇس بىر يۈرۈش قۇرۇلۇش تەدبىرى + بىيوتېخنىكا + ماس كېلىدىغان سورت بىرلەشتۈرۈلگەن ياخشىلاش ئۇسۇلىنى قوللاندۇق».
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇ يىل بۇ يەردە تېرىلغان سىلوس كۆممىقونىقىنىڭ مۆلچەر ھوسۇلى 3.5 توننىغا يېتىپ، ھوسۇلى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ھەسسىلەپ ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
ئەلقار قۇسماقان ھوسۇل ئېلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئوت- چۆپلەرگە قاراپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز تاشلارنى ئېلىۋەتتۇق، يەنە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپى بويىچە ئېتىزغا تېمىتىپ سۇغىرىش ئەسلىھەسى ئورنىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئۇرۇقلارنى تېرىپ، ئىلمىي پەرۋىش قىلىپ، مۇۋاپىق پەيتتە سۇغىرىپ ئوغۇتلىدۇق، بۈگۈنكى كۈندە مانا مۇشۇنداق ياخشى ھوسۇلغا ئېرىشتۇق».
پەن تەتقىقات كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشى، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن مول ھوسۇللۇق زىرائەتلەر غول تارتىپ بۇلۇق ئۆستى.
يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) تەۋەلىكىدىكى كارخانا ـــ شىنجاڭ جيۇيۈ پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان كۆممىقوناقنىڭ ئاتىلىقىنى ئايرىش ماشىنا ئادىمى ھازىر بۇ جايدىكى كۆممىقوناقلىقتا ھەر قېتىمدا تۆت قۇردىن ئايرىپ، ئېتىزدا تېز سۈرئەتتە مەشغۇلات قىلماقتا.
كۆممىقوناقنىڭ ئاتىلىقىنى ئايرىش كۆممىقوناق سورتىنى يېتىشتۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ، كۆممىقوناقنىڭ ئاتىلىقىنى ئايرىۋېتىش مەشغۇلات ئۈنۈمى كۆممىقوناقنىڭ ئۇرۇق سۈپىتى ۋە ساپلىق دەرىجىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ما بو مۇنداق دېدى: ئادەم كۈچىنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان ھەمدە پۈتۈنلەي دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مەھسۇلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ ماشىنا ئادەم ئېگىزلىكى 1.5 مېتىردىن 2.3 مېتىرغىچە بولغان كۆممىقوناقنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، كۆممىقوناقنىڭ ئاتىلىقىنى ئايرىۋېتىش مەشغۇلاتىنى تاماملاش نىسبىتى %90تىن ئاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سائىتىگە يەتتە مو يەردە ھەم 24 سائەت توختىماي مەشغۇلات قىلالايدۇ. بۇ ماشىنا ئادەم بۇ يىل ئىچىدە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.
مەيىن شامالدا شال باشاقلىرى يەلپۈنۈپ، مېۋە- چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى دىماقلارغا ئۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋىلەندى. يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كۈنلىرىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈش، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش ھەر مىللەت دېھقان- چارۋىچى ئاممىنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا ئۈرۈمچىنىڭ بارغانسېرى گۈزەللىشىۋاتقان مەنزىرىسىدۇر.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى گو جۈنگې، جياڭ بىنۋېي، جيا مېڭيەن، شى چۇەنجى، مۇ مىن خەۋىرى)