زەرەتلەنمە توكتىن مۇداپىئەلىنىش
بىرىنچى، تۇرمۇشتا زەرەتلەنمە توكتىن مۇداپىئەلىنىش
1، يىپەك، پاختا رەختىدىن تىكىلگەن كىيىملەرنى كۆپ كىيىش، خىمىيەۋى تالالىق كىيىملەرنى ئاز كىيىش، يۇيۇش، ساقلاش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
كۈز، قىش پەسىللىرىدە ئامال بار يۇمشاق، سىلىق يىپەك رەختلىك كىيىملەرنى تاللاپ سېتىۋېلىش، ئوڭاي زەرەتلەنمە توك پەيدا قىلىدىغان خىمىيەۋى تالالىق كىيىملەرنى ئاز كىيىش كېرەك. دائىم كىيىدىغان پوپايكا، ئىلمە توقۇلما كىيىملىرىنى يۇيغاندا، ئاۋۋال ئۇنى يۇمشىتىش سۇيۇقلۇقىغا چىلاپ قويۇش ياكى يۇمشىتىش سۇيۇقلۇقىغا سۇ قوشۇپ سۇيۇلدۇرۇپ، كىيىم- كېچەكلەرگە چاچقاندا، كىيىم- كېچەكلەر يۇمرانلىشىپ، سۈركىلىشتىن پەيدا بولىدىغان زەرەتلەنمە توكنى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى بولىدۇ.
كىيىم- كېچەكلەرنى ساقلىغاندا، كىيىم- كېچەكلەر ئارىسىغا گېزىت قىستۇرۇپ قويۇش ياكى ساپ پاختا كىيىملەرنى توقۇلغان كىيىم- كېچەكلەر ئارىسىغا قىستۇرۇپ قويۇشمۇ كىيىم- كېچەكلەرنىڭ سۈركىلىشىدىن زەرەتلەنمە توك پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
2، باشنى پات- پات يۇيۇپ پاكىز تۇتۇپ، ئىسپىرتلىق مەھسۇلاتلىرىدىن يىراق تۇرۇش كېرەك.
كۈز پەسلىدە ھاۋا قۇرغاقلىشىپ، چاچنىڭ سۈپىتى ئاسانلا قۇرغاقلىشىپ، باش كېپىكى پەيدا بولىدۇ. مەينەت يېپىشىۋالغان چاچ زەرەتلەنمە توك پەيدا قىلىدىغان مەنبە، شۇڭا، چوقۇم باشنى پات- پات يۇيۇپ، پات- پات يۇيۇنۇپ، كىيىم- كېچەكلەرنى پات- پات ئالماشتۇرۇپ، پاكىز يۈرۈش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسپىرتنىڭ پارلىنىشىمۇ چاچنى تېخىمۇ قۇرغاقلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا چاچنى شەكىلگە كەلتۈرۈشتە ئىمكانقەدەر ئىسپىرتلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ياغاچ ياكى سۆڭەك ماددىلىق تارغاقنى تاللاپ ئىشلەتكەندە، چاچ تارىغاندا زەرەتلەنمە توك پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
3، قولنى پات- پات يۇيۇش ئارقىلىق زەرەتلەنمە توكنى يوقىتىش، ھەر خىل تېرە ئاسراش مېيى ئارقىلىق قولنىڭ نەملىكىنى ساقلاش كېرەك.
ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل قولنى پات- پات يۇيۇپ، قولنىڭ نەملىكىنى ساقلاش، بۇنداق قىلغاندا سۇ ئارقىلىق تېرە يۈزىدىكى زەرەتلەنمە توكنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.
ئادەتتە يەنە نەملىك ساقلاش ئۈنۈمى ياخشى بولغان قول ئاسراش مېيى، يۈز مېيى، بەدەنگە سۈرتىدىغان ماي قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
4، ساغلام غىزالىنىش، كۆپ سۇ ئىچىش، كۆكتات، مېۋە- چېۋىلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇش.
كۆكتات، مېۋە- چېۋە، قېتىق قاتارلىق كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش، سۇنى كۆپ ئىچىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە كالتسىي ۋە ۋىتامىن تولۇقلاش ئارقىلىق زەرەتلەنمە توكنىڭ تەسىرىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
5، ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋاسىنى ھەر كۈنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئۆيگە گۈل- گىياھ، يېشىل ئۆسۈملۈكلەر كۆپرەك قويۇش.
ھەر كۈنى ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋاسىنى پات- پات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئەڭ ياخشىسى ھاۋا نەملىگۈچ ئىشلىتىش، ئۆي ئىچىگە گۈل- گىياھ، يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى قويۇپ قويۇش كېرەك.
6، ئاپتوموبىل ئىشىكىنى كىيىم ئۈستىدىن تۇتۇپ ئېچىش، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى بۇيۇملارنى توغرا تاللاش كېرەك.
ئاپتوموبىلى بارلار، ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئالدى بىلەن كىيىم ئۈستىدىن تۇتۇپ ئاچقاندا بەدەندىكى زەرەتلەنمە توكنى توسۇۋالغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاپتوموبىل ئىچىنىڭ نەملىكىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئورۇندۇق قېپى، ئورۇندۇق سېلىنچىسى ھەم پۇت سېلىنچىسى قاتارلىق بۇيۇملارنى تاللىغاندا، ئەڭ ياخشىسى ھەقىقىي تېرە ياكى ساپ پاختىدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى ئىشلىتىش كېرەك.
ئىككىنچى، ماي قاچىلاش پونكىتىدا زەرەتلەنمە توكتىن مۇداپىئەلىنىش
1، ماي قاچىلىغاندا يان تېلېفون قاتارلىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك، كىيىم- كېچەكلىرىنى قېقىش، خىمىيەلىك تالالىق تارغاق بىلەن چاچ تاراش قاتارلىق زەرەتلەنمە توك پەيدا قىلىدىغان خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق كېرەك.
2، ماي قاچىلاشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن زەرەتلەنمە توكنى چىقىرىۋېتىش. ماي قاچىلاش پونكىتىدىكى ئاپتوماتىك ماي قاچىلاش ماشىنىسىنىڭ ئۆزى زەرەتلەنمە توكنى چىقىرىدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، ماي قاچىلىغاندا ئالدى بىلەن ماي قاچىلاش ماشىنىسىنى تۇتقاندا، بەدەندىكى زەرەتلەنمە توكنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.
3، بەدەندە زەرەتلەنمە توكنىڭ يەنە پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ماي قاچىلاۋاتقاندا ئاپتوموبىلغا ئىچىگە چىقماسلىق كېرەك.
4، ماي قاچىلىغۇچنى ياخشى ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. ماي قاچىلاشتىن ئىلگىرى ماي قاچىلىغۇچنى ماي باكىنىڭ ئېغىزىغا يېنىك تەگكۈزۈپ زەرەتلەنمە توكنى يوقىتىش كېرەك، ماي قاچىلىغاندا ماي قاچىلىغۇچنى ئىمكانقەدەر ماي باكىنىڭ ئېغىزىغا چوڭقۇر كىرگۈزگەندە، بېنزىننىڭ پارغا ئايلىنىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، بۇ ئوت كېتىش ۋاسىتىسىنى مەنبەدىن ئازايتقانغا باراۋەر. ناۋادا ماي قاچىلىغۇچنىڭ ئېغىزىدىن ئوت چىقىش ئەھۋالىغا يولۇقسا، ھەرگىز ھودۇقماي، دەرھال ماي قاچىلاش مەشغۇلاتىنى توختىتىپ، ماي قاچىلىغۇچنى ماي مەنبەسىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئوت ئۆچۈرگۈچ بىلەن ئوتنى تېز ئۆچۈرۈش كېرەك.
پايدىلانغان مەنبە: پەننى ئومۇملاشتۇرغان جۇڭگو ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)