ما شىڭرۇي جۇڭگو داۋجياۋ دىنى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى لى گۇاڭفۇ بىلەن كۆرۈشتى
19:45:51 2024-09-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 9- ئاينىڭ 23- كۈنى ئۈرۈمچىدە جۇڭگو داۋجياۋ دىنى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى لى گۇاڭفۇ بىلەن كۆرۈشتى.

 ما شىڭرۇي جۇڭگو داۋجياۋ دىنى جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشىدىكى مۇھىم مەزمۇن. شىنجاڭ تارىختا كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون، بۇ خىل دىن ئەندىزىسى ھازىرغىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى. داۋجياۋ دىنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان، مول ئادىمىيەت ئىدىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇنىڭغا قەدىمىي شەرقنىڭ ئەقىل- پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئەزەلدىن شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقتا ۋارىسلىق قىلىنىپ، راۋاجلىنىپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن. كوئېنلۇن تېغى جۇڭگو داۋجياۋ دىنى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى ۋە يۈكلەنگەن جايى، ئۇنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى قېزىش جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە مۇھىم قىممەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ قوشۇن»نى كۈچەپ ياخشى قۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا ئىجابىي رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو داۋجياۋ دىنى جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭ دىن خىزمىتىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭدا داۋجياۋ دىنىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، داۋجياۋ دىنى ھەم ئۇنىڭ سورۇنلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ دىنلارنىڭ ئېجىل- ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلىرىدىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 لى گۇاڭفۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭخۇا مىللىتى بىر چوڭ ئائىلە، ھەرقايسى مىللەتلەر، ھەرقايسى دىنلارنىڭ ھەممىسى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆرنەك ئېلىپ، ئىناق ئۆتۈپ، ئورتاق يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىشى كېرەك. تارىختا، داۋجياۋ دىنى بىلەن باشقا دىنلار شىنجاڭ رايونىدا يۇغۇرۇلۇپ، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، روشەن مەدەنىيەت ئىزنالىرى ۋە تارىخىي مىراسلارنى قالدۇرغان. جۇڭگو داۋجياۋ دىنى جەمئىيىتى شىنجاڭ داۋجياۋ دىنى خىزمىتىنى پائال قوللاپ، كوئېنلۇن، شىۋاڭمۇ قاتارلىق داۋجياۋ دىنى مەدەنىيىتى ئامىللىرىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە ياخشى چۈشەندۈرۈپ، زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشقان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ياخشى تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشىدۇ.

 ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، پۇ شۆمېي، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125