گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 9- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. كۆپ تۈرلۈك مۇھىم سىياسەتلەر بىرلا ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پۇل سىياسىتىنى تەڭشەش- تىزگىنلەش سالمىقى زورايتىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى 0.5 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىتىپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنى تەخمىنەن بىر تىرىليون يۈەن ئۇزاق مۇددەتلىك كۆچمە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
(باش ئىستانسىسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى جاڭ داۋفېڭ)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)