جۇڭگو- لائوس تۆمۈريولى خەلقئارا سوغۇق زەنجىرلىك تۇنجى يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى شىنجاڭدىن يولغا چىقتى
16:55:45 2024-09-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار يۈ جياڭيەن، لۇ فېڭباۋ، چېن چياڭۋېي) 9- ئاينىڭ 24- كۈنى، شىنجاڭنىڭ 463.5 توننا يەرلىك ئۈزۈمى ئۈرۈمچى- سانجى تاموژنىسىنىڭ تەۋەلىك بويىچە تەكشۈرۈش مەشغۇلاتى تاماملانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى- مەنگۇ خەلقئارا سوغۇق زەنجىرلىك مەخسۇس پويىزىنىڭ 22 «سومكا شەكىللىك» سوغۇق ساقلاش يۈك ساندۇقىغا قاچىلىنىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىكى جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقتى، يۈننەن موخەن چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق چېگرىدىن چىقىپ، لائوستىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا تايلاندنىڭ مەنگۇغا يېتىپ بارىدۇ.

9- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 10 ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى- مەنگۇ خەلقئارا سوغۇق زەنجىرلىك نۆۋەتچى پويىزى ئۇلانماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن فوتوسى

 بۇ شىنجاڭدىن قاتنىغان تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو- لائوس تۆمۈريولى خەلقئارا سوغۇق زەنجىرلىك يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى بولۇپ، شىنجاڭ ئۈزۈمىنى تۇنجى قېتىم ئۆستۈرۈلگەن جايدا مال توپلاشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ھەم سوغۇق زەنجىرلىك نۆۋەتچى پويىز ئارقىلىق توشۇش شەكلىدە ئېكسپورت قىلىنىشى بولۇپ، «ئۆستۈرۈلگەن جايدا مال توپلاش + سوغۇق زەنجىرلىك نۆۋەتچى پويىز» چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى ئەندىزىسىنىڭ شىنجاڭغا رەسمىي ماكانلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»دىكى دۆلەتلەرگە بىۋاسىتە يەتكۈزىدىغان سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى يولىنى ئېچىپ بەردى.

 «ئۆستۈرۈلگەن جايدا مال توپلاش + سوغۇق زەنجىرلىك نۆۋەتچى پويىزى» يېڭى ئەندىزىسىگە تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئۈزۈمى ئىلگىرىكى «تارقاق ئېكسپورت قىلىش» ئەندىزىسىدىن «ئۆمەك تەشكىللەپ چەت ئەلگە چىقىش»قا ئۆزگەرتىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى %30كە يېقىن، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت تەننەرخى %20كە يېقىن قىسقارتىلدى. «يەككە تۈركۈمدىكى ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئۈزۈمنىڭ مىقدارى تېخىمۇ كۆپ، خورىشى تېخىمۇ ئاز، تەننەرخى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازىرىغا تېخىمۇ تېز كىرەلەيدۇ»، دېدى شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات سېلىنما گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جوۋ كەي.

9- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 11 ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى- مەنگۇ خەلقئارا سوغۇق زەنجىرلىك نۆۋەتچى پويىزى يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن فوتوسى

 بۇ قېتىمقى نۆۋەتچى پويىزدا رەقەملىك سودا شەكلى ئارقىلىق كەسىپ زەنجىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق ئۈزۈم ئۆستۈرۈلىدىغان ئوخشاش بولمىغان جايلاردىكى ئۈزۈملەر ئۈرۈمچىدە توپلىنىدۇ، قايتىش سەپىرىدە يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرىنى يىغىپ دۆلەت ئىچىگە توشۇپ ئەكىلىنىپ، قۇرۇقلۇق يولى تىرانسپورت ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125