راك كېسىلىنى تاسقاپ تەكشۈرۈشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، راك كېسىلى ۋە راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى بالدۇر بايقاش كېرەك.
راك كېسىلىنىڭ يۈز بېرىشى پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەتەرلىك ئامىللارنىڭ جۇغلىنىش جەريانى بولۇپ، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا راك كېسىلى يۈز بېرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
راك كېسىلىنى تاسقاپ تەكشۈرۈش ۋە دەسلەپكى تەكشۈرۈش راك كېسىلى ۋە راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى بايقاشنىڭ مۇھىم يولى بولۇپ، بۇ راك كېسىلىنى بالدۇر بايقاش ۋە ۋاقتىدا داۋالاشقا پايدىلىق. راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىنى قەرەللىك ئېلىپ بېرىش، ھۆكۈمەت تەمىنلىگەن راك كېسىلىنى تاسقاپ تەكشۈرۈش ۋە بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش تۈرلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىش كېرەك. توي قىلىش يېشىدىكى ئاياللار بالىياتقۇ بوينى راكى، سۈت بېزى راكىنى قەرەللىك تاسقاپ تەكشۈرتكەندە، راك كېسىلى ۋە راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى بالدۇر بايقىغىلى بولىدۇ.
بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش راك كېسىلىنى داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك:
بەدەننىڭ سىرتقى تېرە قىسمىدا بىنورمال ئىششىق پەيدا بولۇش؛
بەدەن سىرتىدىكى قارا مەڭ ۋە سۆگەل قاتارلىقلارنىڭ رەڭگى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قېنىقلىشىش ياكى تېز سۈرئەتتە كېڭىيىش؛
مەسىلەن، يۇتقۇنچاققا نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك سېزىمدە بولۇش، ئاغرىش قاتارلىق بەدەندە بىنورمال سېزىم پەيدا بولۇش؛
تېرە ياكى شىللىق پەردىدە ئۇزۇنغىچە ساقايمايدىغان يارا پەيدا بولۇش؛
ئىزچىل تۈردە ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش ۋە ئىشتىھا تۇتۇلۇش؛
چوڭ تەرەت ئادىتى ھەم ھالىتىدە ئۆزگىرىش بولۇش ياكى چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش؛
ئۇزاققىچە ئۈنى پۈتۈپ قېلىش، قۇرۇق يۆتىلىش، بەلغەم قان ئارىلاش كېلىش؛ ئاڭلاش ئىقتىدارى بىنورمال بولۇش، بۇرۇن قاناش، باش ئاغرىش؛
جىنسىي يول بىنورمال قاناش، بولۇپمۇ تېگىشىش خاراكتېرلىك قاناش؛
ئاغرىقسىز قان سىيىش، سىيىش راۋان بولماسلىق؛
سەۋەبى ئېنىق بولمىغان قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، تەرەققىي قىلىشچان بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش.
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا گېزىتى ساغلاملىق ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)