مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 285 مىليارد 320 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.9ئاشقان.
ئالدىنقى سەككىز ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدىكى ئاساسلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ رەت تەرتىپى مۇقىم بولغان. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت كۆلىمى شىنجاڭ بويىچە مۇقىم ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.2، %36.7، %17.6 ئاشقان.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)