تەھرىر ئىلاۋىسى: كۈز پەسلى باشلىنىپ، زىرائەتلەر يىغىلىشقا باشلاندى، يەنە بىر يىل مول ھوسۇل پەسلى يېتىپ كەلدى. 9- ئاينىڭ 22- كۈنى، 7- قېتىملىق جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى. قىپقىزىل لازىلار، ئالتۇن رەڭلىك كۆممىقوناقلار، سۆسۈن رەڭلىك ئۈزۈملەر، سېرىق-يېشىل رەڭلىك نەشپۈتلەر ...... مول ھوسۇل ئالتۇن كۈزدىكى ئەڭ گۈزەل رەڭ. مۇشۇ پەيتتە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئېتىز- ئېرىق باشلىرىدا مول ھوسۇل مەنزىرىسى بارلىققا كېلىپ، زىرائەتلەرنىڭ رەڭگارەڭ تۈسىدىن كۈز پەسلىدىكى ئەڭ گۈزەل كارتىنا سىزىپ چىقىلدى. بىز بىرلىكتە مول ھوسۇل شادلىقىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ھەر قايسى جايلارنىڭ مول ھوسۇل مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنايلى.
9- ئايدىن بۇيان، غۇلجا ناھىيەسىدىكى 303 مىڭ مو ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق ئارقا- ئارقىدىن پىشتى. سۈرەتتە: غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئەۋلىيا يېزىسى ياشلار تەۋەلىك رايونى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەھەللىسىدىكى ئېتىزلىقلاردا كومبايىنلار ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق ئورماقتا. چېن يۇڭمېي فوتوسى
9- ئاينىڭ 14- كۈنى، ساۋەن شەھىرى دۇڭۋەن بازىرى خۇجياجۇاڭ كەنتىدىكى ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق ئېتىزلىرىدا كومبايىنلار مەشغۇلات قىلماقتا. سۇڭ دەندەن فوتوسى
9- ئايدا، توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ ئاقتۆبەك بازىرىدىكى 7000 مودىن ئارتۇق ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناقلار ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى، دېھقانلار كۆممىقوناق ئورۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئېتىز- ئېرىق باشلىرىدا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان مول ھوسۇل مەنزىرىسى شەكىللەندى.چېن خاۋرەن فوتوسى
يېقىندا، شىخۇ شەھىرىنىڭ جاخوزا يېزىسىدىكى تۇتاش كەتكەن قوناقلىقتا، كومبايىنلار ئۇياقتىن بۇياققا ئۆتۈشۈپ، ئورۇش، مەدەك ئۈزۈش، پوستىنى سويۇش، شاخ- شۇمبىلارنى ئېزىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. لو چياڭ فوتوسى
غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئەۋلىيا يېزىسى ياشلار تەۋەلىك رايونى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەھەللىسىنىڭ ئېتىزلىقىدا، كومبايىن ئورۇلۇپ بولغان قوناقلارنى ئاپتوموبىلغا قاچىلىماقتا. چېن يۇڭمېي فوتوسى
شىخۇ شەھىرىنىڭ جاخوزا يېزىسىدىكى تۇتاش كەتكەن قوناقلىقتا، كومبايىن ئورۇلغان كۆممىقوناقنىڭ دېنىنى ئايرىماقتا. لو چياڭ فوتوسى
چۆچەك شەھىرىدىكى بىر ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدا ئىشچىلار كۆممىقوناقنى تاللاپ ۋە پىششىقلاپ ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇرۇق ئاجرىتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەلا سۈپەتلىك ئۇرۇق مەنبەسى بىلەن تەمىنلىدى.لى شا فوتوسى
رەتلىگۈچى: سۈي داۋشېڭ
ماتېرىيال مەنبەسى: غۇلجا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، ساۋەن شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، شىخو شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇمەركىزى، چۆچەك شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، توققۇزتارا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى.