شىنجاڭدا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىگە سىجىل كۈچ قوشۇلدى
17:40:25 2024-09-25 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 شىنجاڭدا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىگە سىجىل كۈچ قوشۇلدى، ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن باشقا، ئاپتوموبىللارنى ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 18 مىڭ يۈەنگە يەتتى؛ كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى؛ توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ياردەم تولۇقلىمىسى 600 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى.

 مۇخبىرنىڭ 9- ئاينىڭ 23- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا «جەلپكار شىنجاڭ . كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» باش تېما قىلىنغان ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئائىلە بېزەكچىلىكى، ئۆي جاھازلىرى، توكلۇق ۋېلىسىپىت قاتارلىق ئىستېمال ساھەسىنى چۆرىدەپ كۆرگەزمە قىلىش ۋە سېتىشنى تېزلىتىش، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق شەكلى مول پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، يېشىل ئىستېمال دولقۇنىغا يېتەكچىلىك قىلىنغان.

 بۇنىڭ ئىچىدە 2024- يىلى 7- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە شەخسىي ئىستېمالچىلار ئۆزىنىڭ نامىدىكى ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل ياكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، شىنجاڭ تەۋەلىكى (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)دە يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل ياكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋالسا، سېتىۋېلىنغان يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇلۇپ ئىشلىتىش خاراكتېرى تىجارەتكە ئىشلىتىلمەيدىغان تىپتىكى ئاپتوموبىل بولسا، بىر قېتىملىق ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

 يېڭى سېتىۋالغان ئاپتوموبىل يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بولسا، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش تالونىدىكى سومما بويىچە سېتىۋېلىش سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرى (50 مىڭ يۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا، 18 مىڭ يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ؛ يېڭى سېتىۋالغان ئاپتوموبىل ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل بولسا، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش تالونىدىكى سومما بويىچە، سېتىۋېلىش سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرى (50 مىڭ يۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا 13 مىڭ يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.

 ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرغانلار دۆلەت دەرىجىلىك ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، شۇنداقلا يەنە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 2024- يىلى 9- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە شىنجاڭ تەۋەلىكى (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)دە 2- دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ياكى سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمى ئۆلچىمىدىكى توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ، كومپيۇتېر، سۇ ئىسسىتقۇچ، ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان ئوچاق، بۇستارتقۇ قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك ئائىلە ئېلېكتىر مەھسۇلاتىنى سېتىۋالسا، مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ %15ى بويىچە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ؛ 1- دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ياكى سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمى ئۆلچىمىدىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغانلار مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ %5ى بويىچە يەنە ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئېرىشەلەيدۇ، ھەربىر ئىستېمالچىنىڭ سېتىۋالغان ھەربىر تۈردىكى مەھسۇلاتىغا بىر قېتىم ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ، ھەربىر مەھسۇلاتقا بېرىلىدىغان ياردەم تولۇقلىما سوممىسى 2000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

 2024- يىلى 6- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» سىياسىتى بويىچە قاچا يۇيۇش ماشىنىسى، يەر سۈپۈرۈش ماشىنا ئادىمى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماتۇڭ قاپقىقى، تاختا كومپيۇتېر تۈرىدىكى ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون قاتارلىق بەش خىل ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنى ۋە ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېڭىسىنى سېتىۋېلىشقا قاتناشقان ئىستېمالچىلار يۇقىرى بولغاندا 2000 يۈەنگىچە ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلارنى يېڭىدىن سېتىۋالغان ئىستېمالچىلار يۇقىرى بولغاندا 1300 يۈەنگىچە ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

 شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، توكلۇق ۋېلىسىپىتكىمۇ ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلدى. 2024- يىلى 7- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە شىنجاڭ تەۋەلىكى (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)دە كونا توكلۇق ۋېلىسىپىتنى قايتۇرۇپ بېرىپ ھەمدە «توكلۇق ۋېلىسىپىت بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسى» (2018- GB17761)گە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى توكلۇق ۋېلىسىپىت سېتىۋالسا، ھەربىر توكلۇق ۋېلىسىپىتكە 500 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ؛ لىتىي ئىيونلۇق باتارېيەلىك كونا توكلۇق ۋېلىسىپىتنى قايتۇرۇپ بېرىپ ھەمدە قوغۇشۇن كىسلاتالىق ئاككۇمۇلياتور باتارېيەلىك توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئالماشتۇرۇپ سېتىۋالغانلارغا بىر قېتىمدىلا 600 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.

 ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى، يەنە دۆلەت بايرىمى، «قوش 11»، «قوش 12» قاتارلىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەزگىلىدە بىر قاتار كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئائىلە بېزەكچىلىكى، ئۆي جاھازلىرى، توكلۇق ۋېلىسىپىت قاتارلىق تاۋارلارنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، «كونىنى تۈگىتىش تېخىمۇ ئاسان بولغان، يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ خالايدىغان» ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرىدىكەن.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو جۈنگې خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125