ما شىڭرۇي، جاڭ جۈن ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئالىي سوت مەھكىمىسى باشلىقلىرى سۆز قىلدى، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى
9- ئاينىڭ 24- كۈنى، جۇڭگو ــــ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئالىي سوت مەھكىمىسى باشلىقلىرى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي باش سودىيەسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 9- ئاينىڭ 24- كۈنى، جۇڭگو ــــ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئالىي سوت مەھكىمىسى باشلىقلىرى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي باش سودىيەسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.
ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ يىپەك يولىنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى يېپيېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئېھتىياجلىق، بۇ قېتىمقى جۇڭگو ــــ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئالىي سوت مەھكىمىسى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى مۇقەررەر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، جىنايەتكە زەربە بېرىپ، تېخىمۇ ئىناق، خاتىرجەم رايون مۇھىتى يارىتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو ـــــ ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا − ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پائال بەرپا قىلدى. بىز بۇ قېتىمقى يىغىننى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ساھەسىدىكى ياخشى تەجرىبىلىرى، ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نىزام چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىشتىن ئىبارەت ھەرقايسى ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قانۇن ئىشلىرى رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك قانۇنچىللىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، مەۋقەنى جۇڭگو شىنجاڭغا قويۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان قانۇن مۇلازىمىتى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىمىز. تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك قانۇنچىللىق ئارقىلىق جۇڭگو ـــــ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.
جاڭ جۈن سۆزىدە ۋە ئاساسىي مەقسەت سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تارىخىي مەنبەگە، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە، پۇختا خەلق رايى ئاساسىغا ئىگە. 2013- يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقى خەلقئارا جەمئىيەتتە ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى. بۇلتۇر 5- ئايدا، جۇڭگو ـــــ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. قانۇنچىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى ۋە كاپالىتى. جۇڭگو سوت مەھكىمىسى بۇ قېتىمقى يىغىننى پۇرسەت بىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى سوت مەھكىمىلىرىدىكى كەسىپداشلار بىلەن بىرلىكتە، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ «ئۈچ خىل كۈچ»، زەھەر ئەتكەسچىلىكى، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەت، توردىكى جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە قانۇن يۈرگۈزۈش بويىچە ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغداشنى خالايدۇ. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك قانۇنچىللىق مۇلازىمىتى ئارقىلىق كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، تىرىشىپ قانۇنچىللاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتى بەرپا قىلىدۇ. يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، رايون ئېكولوگىيە- مۇھىتىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق قوغداش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېشىل ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىدۇ. پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش، سوت قىلىش خىزمىتى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك «رەقەملىك يىپەك يولى» بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.
قازاقىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئارسلانبېك مېرخالىيېف، قىرغىزىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى زامىربېك بازاربېكوف، تاجىكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شىرمۇھەممەت شاۋشىيان، ئۆزبېكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بەختىيار ئىسلاموف ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى، تۈركمەنىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيەسى چارېگۇرې ئاتايېف توردا سۆز قىلدى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى يىغىن جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق ئالىي سوت مەھكىمىسى باشلىقلىرى يىغىنى، ھەرقايسى تەرەپلەر بۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلقئارا قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سۆھبەتلىشىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشى، قانۇن يۈرگۈزۈش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر چېگرا ھالقىغان سودا ئىشلىرى ماجىرالىرىنى كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىش مېخانىزمى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، زەھەر، چىرىكلىك، توردىكى جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان قانۇننى تەتبىقلاش مەسىلىسى ۋە دۆلەت ھالقىغان قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقى، مۇھىت- بايلىقنى قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق قوغداشنى كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىللىقى ۋە ئۈنۈمىگە كۈچ قوشۇشنى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.
يىغىندا «جۇڭگو ــــ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئالىي سوت مەھكىمىسى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئۈرۈمچى باياناتى» ماقۇللاندى.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ ۋەنمىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئەزاسى ۋاڭ شۇمېي ھەم ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، شاڭخەي شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جيا يۈ، شەنشى ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار؛ ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن مىڭگو، دىلشات سايىم، دۇ خۇڭيەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن سوت مەھكىمىسى سىستېمىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.
قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستاننىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ساھەسىدىكى زاتلار ھەمدە جۇڭگو ــــ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مېخانىزمى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.