ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ) دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى شىنجاڭدا 500 قېتىمغا يېقىن قاتنايدىغان بولۇپ، كۈندىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلان سانى 70تىن ئېشىپ، كەڭ يولۇچىلارنى تېخىمۇ يېتەرلىك، قولايلىق سەپەرگە چىقىش تاللىشى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىن قەشقەر، خوتەن، ئالتاي قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە ئېھتىياج داۋاملىق ئېشىپ، شىنجاڭ ئىچىنى ساياھەت قىلىشتىكى قىزىق تاللاش نۇقتىلىرى بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ پورتتىن چىقىدىغان ئۇزۇن لىنىيەلىك ساياھەت بېلىتى زاكاز قىلىش قىزغىنلىقى پەسەيمىگەن، چىڭداۋ، خاڭجوۋ، ۋۇخەن، چاڭشا قاتارلىق شەھەرلەر شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەرنىڭ قەلبىدىكى ساياھەت قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچىدىن بۇ قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان شەھەرلەرگە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە بېلەت باھاسى 1700 يۈەندىن يۇقىرى (باجنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم قىزىق نۇقتىلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە A330 تىپلىق كەڭ گەۋدىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى قاتنايدىغان بولۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئالدىن سېتىلغان يولۇچىلار ئورۇن نىسبىتى %80تىن ئاشقان.
يولۇچىلار تيەنجىن ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ مۇلازىمەت پۇكىيىدە ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرمەكتە (ماتېرىيال سۈرەت). ياۋ تيەنلى فوتوسى
يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان سەپەرگە چىقىش يۇقىرى پەللىسىگە قارىتا، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى كەڭ يولۇچىلارغا سەپىرىنى ئالدىن پىلانلاپ، كۆڭلىدىكى مەنزىلىنى بالدۇرراق تاللاشنى ھەم ئايروپىلان بېلىتى زاكاز قىلىشنى ئەسكەرتتى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل «1- ئۆكتەبىر» بايرىملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش يۇقىرى پەللىسى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى ۋە 10- ئاينىڭ 6-، 7- كۈنلىرى كۆرۈلىدىكەن، بايرامنىڭ ئوتتۇرىسى ۋە بايرامدىن كېيىن سەپەرگە چىقىدىغانلار نىسبەتەن ئاز بولىدىكەن. شۇڭا، يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە تاقاشماي سەپەرگە چىققاندا تېخىمۇ ياخشى سەپەرگە چىقىش تەسىراتىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ ئەرزان ئايروپىلان بېلىتى باھاسىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدىكەن. تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى- قەشقەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى مىسالغا ئالساق، 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىكى ئەڭ تۆۋەن بېلەت باھاسى 1070 يۈەن بولىدىكەن، ئەكسىچە، 10- ئاينىڭ 4- كۈنى بولسا 400 يۈەنگە چۈشىدىكەن. ئاۋات ساياھەت شەھەرلىرىدىن باشقا، تيەنجىن ئاۋىياتسىيە شىركىتى يەنە يولۇچىلارغا مەنزىلنى ئەكس يۆنىلىشتە تاللاپ، ئاۋات مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ئادەم مىقدارى ئاز، ساياھەت تەننەرخى تۆۋەن، ئازادىلىك دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان كىچىك شەھەرلەرگە بېرىپ ئۇزۇن بايرام كۈنىنى ئۆتكۈزۈشىنى تەۋسىيە قىلدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)