9- ئاينىڭ 22- كۈنى تاۋتيەن گۇرۇھى تەتقىقات مەركىزى جېجياڭ داشۆنىڭ جۇڭگو يېزا تەرەققىياتى تەتقىقات ئورنى بىلەن بىرلىكتە «2024- يىللىق تاۋباۋ مول ھوسۇل بايرىمى دوكلاتى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دوكلات» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى. «دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، 2024- يىلى 1- ئايدىن 8- ئايغىچە ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاۋباۋ، تيەنماۋ سۇپىسىدا سېتىلىشىدا كۆرۈلگەن ئېشىش نىسبىتىدىن قارىغاندا، شىنجاڭ 5- ئورۇندا تۇرغان.
مۇخبىرنىڭ 9- ئاينىڭ 23- كۈنى تاۋتيەن گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنىڭ تەدرىجىي مۇكەممەللىشىشىگە تايانغاچقا، رەقەملىشىش دەرىجىسى تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، توردا يېرىم ۋاكالىتەن باشقۇرۇش قاتارلىق ئەندىزىلەردە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق شىنجاڭ، گەنسۇ، چىڭخەي، يۈننەن قاتارلىق غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بارغانسېرى ئىستېمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئەۋزەللىكى كۈنسېرى گەۋدىلەنگەن.
«دوكلات»تا ئېلان قىلىنغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودىسىدا ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان 50 ناھىيە تىزىملىكىدە غەربىي قىسىم رايونلاردىكى سىچۇەن، يۈننەن، گۇيجوۋ، گەنسۇ، چىڭخەي، شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق يەتتە ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)دىن 23 ناھىيە تىزىملىككە كىرگەن بولۇپ، %46نى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭنىڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى چاغانتوقاي ناھىيەسى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى قورغاس شەھىرى بار. تاۋتيەن گۇرۇھى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زو چېنمىڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا غەربىي قىسىم رايونلاردىكى 12 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر تاۋباۋدا 40 مىليارد يۈەن قىممىتىدە يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلات ساتتى، شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇل، يۈننەن، گۇيجوۋغا ئوخشاش غەربىي قىسىم رايونلاردىكى بۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ ھەممىسى يېزا ئىگىلىك چوڭ ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)لىرى بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى بايلىقى مول. غەربىي قىسىم رايونلاردىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە 1- ئورۇندا تۇرىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىردەك شۇ جاينىڭ «يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتى»دۇر، مەسىلەن: گۇاڭشىنىڭ گەنجۈسى، يۈننەننىڭ پۇئېر چېيى، گەنسۇنىڭ قۇرتئوتى قاتارلىقلار تاۋباۋ، تيەنماۋغا ئوخشاش ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنىڭ ياردىمىدە ئىستېمال ئۇچىدىن ئىشلەپچىقىرىش ئۇچىغىچە بولغان رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تايىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئەۋزەللىكى ئۈزلۈكسىز زورايماقتا.
جېجياڭ داشۆ جۇڭگو يېزا تەرەققىياتى تەتقىقات ئورنى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى گو خۇڭدۇڭ مۇنداق دېدى: يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، «يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلات» ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ، تۈرلۈك ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ۋە سېتىش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىلغان جاينىڭ بازار تەمىناتى ۋە سېتىلغان جاينىڭ بازار ئېھتىياجىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، «يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار»نى راۋان يول، ياخشى باھادا سېتىش كېرەك. تاۋباۋ مول ھوسۇل بايرىمى دوكلاتى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ «يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار»نى سېتىشتىكى مۇھىملىقىنى، بولۇپمۇ غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ «يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلات»لارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كەسىپنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، تاۋباۋ، تيەنماۋ قاتارلىق سۇپىلارنىڭ ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، توردا يېرىم ۋاكالىتەن باشقۇرۇش قاتارلىق يېڭى ئەندىزىلەرگە بىرلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە قىلىش كېرەكلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ لىلى خەۋىرى)