سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 8- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدە 5G ئاساسىي پونكىتىنىڭ ئومۇمىي سانى 4 مىليون 42 مىڭغا يېتىپ، كۆچمە ئاساسىي پونكىت ئومۇمىي سانىنىڭ %32.1نى ئىگىلىگەن، 5G كۆچمە تېلېفون ئابۇنىچىسى 966 مىليونغا يېتىپ، كۆچمە تېلېفون ئابۇنىچىلىرىنىڭ %54.3نى ئىگىلىگەن.
دۆلىتىمىزدە «ھەممە شەھەرگە 1000 مېگابايتنى تۇتاشتۇرۇش، ھەممە يېزىغا 5G تورىنى تۇتاشتۇرۇش ،ھەممە كەنتكە كەڭ بەلباغلىق تور تۇتاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تور مۇلازىمەت ئىقتىدارى داۋاملىق ئۆستۈرۈلدى. ئابۇنىچىلىرى تېخىمۇ كۆپ، قوللىنىش تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك تور جەمئىيەت تۇرمۇشىغا تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كەڭ سىڭىشىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ، تورلاشتۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە كۈچ قوشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)