يېقىندا، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر، يېتىم بالىلار قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا بىر قېتىمدىلا تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى ھەرقايسى جايلاردىكى خەلق ئىشلىرى، مالىيە تارماقلىرىدىن بۇ قېتىمقى بىر قېتىمدىلا تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى؛ تارقىتىش دائىرىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، تارقىتىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەبلەغنىڭ مەخسۇس ئىشقا ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇرۇن تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا بىر قېتىمدىلا تارقىتىپ بېرىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا بولغان غەمخورلۇقىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)