شىنجاڭلىق ئاقسۇلۇق قىزچاق ئىقبال(ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)نىڭ كېسەللىك ئەھۋالى سانسىزلىغان كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى، 9- ئاينىڭ 23- كۈنى، جېجياڭ داشۆ تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى بالىلار دوختۇرخانىسى (قىسقارتىلىپ «جېجياڭ داشۆسى بالىلار دوختۇرخانىسى» دېيىلىدۇ)دىن خۇش خەۋەر كەلدى، ئىقبال ECMO (بەدەن سىرتىدىكى پەردە ئۆپكە ئوكسىگېنى بىرىكمىسى) بىلەن قوشۇمچە داۋالاشتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتۇلدى، بۇ ئۇنىڭ ھاياتلىق سەپىرىدە مۇھىم ۋە جاپالىق بىر قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۈگۈن (9- ئاينىڭ 24- كۈنى) سەھەردە، مۇخبىر جېجياڭ داشۆسى بالىلار دوختۇرخانىسى بىنجياڭ رايونىدىكى ئېغىر يۈرەك كېسەللىرىنى كۆزىتىش ئۆيى (CICU) گە كېلىپ، ئىقبالنى كۆردى.
ئىقبال كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، زىيارەتكە كەلگەن مۇخبىرغا قىزىقىپ سەپسېلىۋاتاتتى، روھىي ھالىتى قارىماققا يامان ئەمەس ئىدى.
جېجياڭ داشۆسى بالىلار دوختۇرخانىسى ئېغىر يۈرەك كېسەللىرىنى كۆزىتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى دوختۇر شى شەنشەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىقبالنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالى داۋالاش كوللېكتىپىنىڭ مۆلچەرىدىن ئېشىپ كەتتى، ئۇ قەيسەر ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. بىراق دوختۇرلار يەنىلا ئېھتىياتچان بولدى، چۈنكى ئىقبال ئۆتكەن 20 نەچچە كۈندە ئېغىر كېسەللەرنىڭ قاتتىق سىنىقىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، بەدىنىنىڭ خورىشى زور، ھازىر ئېغىر دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسلىدىكى ئاساسىي كېسەللىكنىڭ مۇرەككەپلىكى تۈپەيلىدىن، كېسەللىك ئەھۋالىدا يەنىلا قايتا- قايتا خەۋپ مەۋجۇت.
كېيىنكى داۋالاش توغرىسىدا توختالغاندا، جېجياڭ داشۆسى بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش ئەترىتى يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ئالدىن كۆرەرلىكىنى نامايان قىلدى. شى شەنشەن دوختۇر مۇنداق قارىدى: «ئىقبال تېخى ئالتە ياشلىق بالا، ئۇنىڭ كېيىنكى ھايات يولى تېخى ناھايىتى ئۇزۇن، ئۇ يەنە ئۆسۈپ يېتىلىشنى باشتىن كەچۈرىدۇ، بەدىنىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئالدىن مۆلچەرلەش تەس، داۋالاش لايىھەسى ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىنچىكە، خاسلاشتۇرۇلغان پىلانلىنىپ، ھەربىر قەدەمنىڭ پۇختا ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ».
9- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ، ئىقبالنىڭ مىڭ چاقىرىملىق يولنى بېسىپ كېسەل داۋالاتقىلى كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە چاۋ خەۋەرلىرى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە بۇنىڭغا تېز ئاۋاز قوشتى، جېجياڭ ئۆلكىلىك ئاياللار- بالىلار فوندى جەمئىيىتى ئالايىتەن ئىقبال ئۈچۈن مەخسۇس خەيرىيەت قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش فوندى تەسىس قىلدى. ھازىرغىچە، بۇ فوندقا ھەر تەرەپتىن كەلگەن مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش كۈچلىرى توپلانغان بولۇپ، جەمئىي 820 مىڭ يۈەن ئىئانە توپلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە 220 مىڭ يۈەن پۇلنى سېخىيلىق بىلەن ئىئانە قىلىنغان بىرەيلەن بار بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھىر- مۇھەببەتنىڭ كۈچىنى نامايان قىلدى.
بۇنىڭغا قارىتا، جېجياڭ ئۆلكىلىك ئاياللار- بالىلار فوندى جەمئىيىتى تارقىتىش، مەبلەغ توپلاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى فۇ يىمىن مۇخبىرغا بۇ پۇللارنىڭ ئىقبالنىڭ داۋالىنىشىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، كېيىن ئۇ جېجياڭدا كېسەل كۆرسەتمىسىمۇ، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا جايلاردا كېسەل كۆرسەتكەندە بۇ پۇلنى داۋاملىق ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە مۇنداق بىلدۈردى: ئەگەر فوندتا قالدۇق سومما بولسا، ئىقبالغا ئوخشاش ياردەمگە موھتاج تېخىمۇ كۆپ بالىلارغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىپ، جەمئىيەتتىن كەلگەن بۇ ئىللىقلىق ۋە ئۈمىد چەكسىز يەتكۈزۈلۈپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)