ئۈرۈمچى− باڭكوك «تىيانشان» ناملىق خەلقئارا سوغۇق زەنجىرلىك رەقەملىك نۆۋەتچى پويىز 9- ئاينىڭ 24- كۈنى جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىدىن تۇنجى قېتىم قاتنىدى.(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ شۈەن خەۋىرى، فوتوسى)
ئۈرۈمچى − باڭكوك «تىيانشان» ناملىق خەلقئارا سوغۇق زەنجىرلىك رەقەملىك نۆۋەتچى پويىز 9- ئاينىڭ 24- كۈنى جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقتى، بۇ پويىز يۈننەننىڭ كۇنمىڭ شەھىرىگە كىرگەندىن كېيىن، جۇڭگو- لائوس تۆمۈريولىنى بويلاپ ئۇدۇل جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ، يۈننەندىكى موخەن پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، ئاخىرىدا تايلاندنىڭ باڭكوكقا يېتىپ بارىدۇ، بۇ، شىنجاڭدىن قاتنىغان تۇنجى جۇڭگو- لائوس تۆمۈريولى خەلقئارا سوغۇق زەنجىرلىك يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى ھېسابلىنىدۇ.
پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەۋقۇلئاددە زور كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش داۋامىدا ئېچىۋېتىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش شەرت.
بۇ نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتنىشى، «ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا مال توپلاش + سوغۇق زەنجىرلىك نۆۋەتچى پويىز» چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى ئەندىزىسىنىڭ شىنجاڭغا رەسمىي ماكانلاشقانلىقىدىن، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ RCEP «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»دىكى دۆلەتلەرگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان چېگرا ھالقىغان سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مۇخبىر شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىدە، بۇ نۆۋەتچى پويىزغا كۆپ خىل سورتتىكى ئۈزۈمدىن 463.5 توننا قاچىلانغان 22 يۈك ساندۇقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، مال قىممىتىنىڭ 3 مىليون 241 مىڭ يۈەنگە يېتىدىغانلىقىنى ئىگىلىدى.
بۇ نۆۋەتچى پويىزغا شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى B2B ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە كەسىپ ئالاقە تورى سۇپىسى بولغان گوليەن پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ لىڭليەن دودو سۇپىسى بىلەن بىرلىشىپ باشلامچىلىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك مېۋىلىرىنى ئۈرۈمچىگە توشۇپ ئەكېلىپ توپلىغان ھەم ئىلى، بورتالا، كۈيتۈن، شىخەنزە، سانجى قاتارلىق جايلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان ئۈزۈملەرنى ئۈرۈمچىگە يىغقاندىن كېيىن، تايلاندنىڭ باڭكوكتىكى توپ سېتىش بازارلىرى ۋە سودا ساراي، تاللا بازارلىرىغا بىۋاسىتە توشۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رەقەملىك سودا شەكلى ئارقىلىق كەسىپ زەنجىرىنى بىرىكتۈرۈپ، «شىنجاڭ − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا»نىڭ قوش يۆنىلىشلىك مېۋە ئىمپورت- ئېكسپورت يولىنى ئاچقان.
ئىگىلىنىشىچە، ئىلگىرى شىنجاڭ ئۈزۈم ئېكسپورتىدا ئاز مىقدارلىق، كۆپ تۈركۈم (قېتىم) بولۇشتىن ئىبارەت تاشيول تىرانسپورت شەكلىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئاسانلا ھاۋا رايى ۋە يول ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانىكەن، لېكىن «ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا مال توپلاش + سوغۇق زەنجىرلىك نۆۋەتچى پويىز»دىن ئىبارەت چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى ئەندىزىسىگە تايىنىلىپ، شىنجاڭ ئۈزۈمىنى «يېڭى» پېتى مەملىكەت سىرتىغا توشۇشتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى %30كە يېقىن قىسقىراپ، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت تەننەرخى تەخمىنەن %20 ئازايغان.
شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتور جوۋ كەي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم شىنجاڭدىكى تۆمۈريول تارمىقى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو تۆمۈريولى ئالاھىدە يۈكلەر دۆلەت ئىچى سوغۇق زەنجىرلىك ساندۇقىنى ئىشلىتىپ، توشۇش جەريانىدا ئۈزۈم توشۇش تەلىپىگە ئاساسەن، ساندۇق ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى، نەملىكى قاتارلىق مۇھىت پارامېتىرىنى دەل جايىدا كونترول قىلىپ، يۈك توشۇش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا يىغىش ۋە سوغۇق زەنجىرلىك نۆۋەتچى پويىز ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىش ئەندىزىسى ئارقىلىق يەككە تۈركۈمدە ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئۈزۈمنىڭ سانى كۆپ، بۇزۇلۇش نىسبىتى تۆۋەن، ۋاقتى قىسقا بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مەھسۇلاتلار شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازىرىغا تېخىمۇ تېز كىرەلەيدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۆۋەتچى پويىز قايتقاندا يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرىنى توشۇپ ئەكېلىپ ھەم دۆلەت ئىچىدىكى باشقا شەھەر بازارلىرىغا سېتىپ، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك مېۋىلىرى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ خاس مېۋىلىرىنى قوش يۆنىلىشلىك ئىمپورت- ئېكسپورت قىلىش يولىنى ئاچىدۇ.
«تىيانشان» ناملىق سوغۇق زەنجىرلىك نۆۋەتچى پويىزنىڭ ئوڭۇشلۇق قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى- سانجى تاموژنىسى پۈتۈن جەريانلىق تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش، سەھىيە گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلارنى «بۇلۇتتا ئىمزا قويۇپ تارقىتىش»نى كېڭەيتىپ، «يېڭى، تىرىك، ئاسان چىرىيدىغان ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنى تەۋەلىكىدە تەكشۈرۈش يېشىل يولى» تەسىس قىلىپ، ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئۈزۈملەرنى «2+5» دائىملىق قاتناش، تۈركۈمگە بۆلۈپ كارانتىن قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئۈزۈملەرنى كەلگەن ھامان تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ بولغان ھامان ئۆتكۈزۈش، تېز سۈرئەتتە ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، كارخانىلارنىڭ ئېكسپورت قىلىش، يولغا سېلىش پىلانىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، شىنجاڭدىكى تۆمۈريول تارمىقى بىلەن ماسلىشىپ، سوغۇق زەنجىرلىك ۋاگون بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئۈزۈمنىڭ يېڭى بولۇش، شۇنداقلا ۋاقىت ئۈنۈمدارلىقىغا قويىدىغان بىرقەدەر يۇقىرى تەلىپىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.
ئۈرۈمچى- سانجى تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۈ شۆنۇڭ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى- سانجى تاموژنىسى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ يىغىش- تارقىتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، «ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا مال توپلاش + سوغۇق زەنجىرلىك نۆۋەتچى پويىز» چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى يېڭى ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولىدۇ.