گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 9- ئاينىڭ 26- كۈنى ئۆتكۈزگەن «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش» يۈرۈشلۈك ئاساسىي تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئاچقۇچلۇق ھالقا جەھەتتە، «ساغلاملىق بىرىنچى» دەيدىغان ئىدىيەنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسىنى ئاشۇرۇش پىلانى، پىسخىكا ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى قاتارلىقلار يولغا قويۇلۇپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر كۈنلۈك ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە پائالىيىتى ۋاقتىنىڭ ئىككى سائەتتىن ئاز بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپ پىسخىكىلىق پەزىلىتى ئومۇميۈزلۈك يېتىلدۈرۈلىدۇ. بالىلارنى ھەرىكەت قىلىش، ھەمتۈرتكە بولۇش، قۇياش نۇرىنى كۆپرەك كۆرۈش، ساپ ھاۋادىن كۆپرەك نەپەسلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
مېخانىزم كاپالىتى جەھەتتە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، «مائارىپ بىرلەشمە گەۋدىسى» قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، تارماقلارنىڭ بايلىقىنى سەپەرۋەر قىلىپ، جەمئىيەت كۈچلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، داۋالاش بىلەن ئوقۇتۇشنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش، تەنتەربىيە بىلەن ئوقۇتۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، ئائىلە بىلەن مەكتەپ ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت تەربىيەسىنى تەڭ قەدەمدە ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بىرلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ.
(باش ئىستانسىسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى گاۋ چېنيۈەن، ساۋ شياۋجېڭ)
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)