9- ئاينىڭ 20- كۈنى، يەكەن ناھىيەسىدىكى بىر ئەر ھاراق ئىچكەندىن كېيىن يامان غەرەزدە 110 ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونىغا كۆپ قېتىم تېلېفون بەرگەنلىكى ئۈچۈن ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق جازالاندى. ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ ياڭخۇا فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن جىن، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ ياڭخۇا) «ياخشىمۇ سىز، 110!» مەيلى قايسى ۋاقىتتا، قايسى جايدا بولسۇن ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونىغا تېلېفون بەرسىڭىزلا شۇ ھامان ئۇلىنىدۇ، ئۇ خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان «ھاياتلىق قىزىق لىنىيەسى» ھېسابلىنىدۇ. لېكىن بەزى كىشىلەر يامان غەرەزدە 110 ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونىغا تېلېفون بېرىپ، ساقچى ئىشلىرى بايلىقىنى ئىگىلەپ، قانۇننىڭ نوپۇزىغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلماقتا، 9- ئاينىڭ 20- كۈنى، يەكەن ناھىيەسىدىكى بىر ئەر ھاراق ئىچىپ 110 ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونىغا تېلېفون بېرىپ پاراكەندىچىلىك سېلىپ، تېلېفوننى قوبۇل قىلغان ساقچىنى 28 قېتىم ھاقارەتلىگەنلىكى ئۈچۈن ساقچى تەرەپ تەرىپىدىن جازالاندى.
9- ئاينىڭ 19ـ كۈنى كەچتە، يەكەن ناھىيەسى ئارسلانباغ يېزىسىدىكى ك X دوستلىرى بىلەن بىللە تاماق يەپ، ئۈچ جىڭ ئاق ھاراق ئىچكەن. 9- ئاينىڭ 20- كۈنى سەھەر سائەت 3تىن 30 مىنۇت ئەتىراپىدا، مەست بولۇپ قالغان ك X بىكارچىلىقتىن زېرىكىپ، 110 ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونىغا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 28 قېتىم تېلېفون بەرگەن. ئۇ سەت گەپلەرنى قىلغان، تېلېفوننى قوبۇل قىلغان ساقچى ئۇنىڭغا گەپ قىلىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلغان ھەم ئۇنىڭ قىلمىشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن، ئەمما ك X ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ پەرۋا قىلماي، تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، كەينى- كەينىدىن 110غا تېلېفون بېرىپ تېلېفون قوبۇل قىلغان ساقچىنى تىللاپ پاراكەندىچىلىك سالغان.
يەكەن ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ئارسلانباغ ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال ك Xنى ساقچىخانىغا ئېلىپ كەلگەن. مەستلىكى يېشىلگەن ك X ئۆزىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان ھەم پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە، ك X قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلدى.
ساقچى تەرەپ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: 110 ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونى جىددىي قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەسى، يامان غەرەزدە 110غا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى يالغاندىن مەلۇم قىلغاندا، چەكلىك ساقچى ئىشلىرى بايلىقىنى ئىگىلىۋېلىپ، ساقچى كۈچى ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەقىقىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئامما ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش- ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ. گۇڭئەن ئورگانلىرى ئەھۋالنى يالغان مەلۇم قىلغان، دېلو ئەھۋالىنى يالغان مەلۇم قىلىش ياكى سەۋەبسىز ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونى بېرىش قاتارلىق گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت تەرتىپىنى پاراكەندە قىلىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)