مۇخبىر 9- ئاينىڭ 26- كۈنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى لى شيەنگاڭنىڭ پارا ئېلىش، خىيانەتچىلىك قىلىشقا چېتىشلىق دېلوسىنى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. يېقىندا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارا ئېلىش جىنايىتى، خىيانەتچىلىك جىنايىتى بىلەن لى شيەنگاڭنى قولغا ئېلىشنى قارار قىلغان. بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېجىرىلىۋېتىپتۇ.
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)