لى جىلياڭ سىزغان
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى فاڭ جياۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىر يې ۋېنگۈي
توي قىلغىنىغا 16 يىل بولغان، شۇنداقلا 16 يىل ئائىلە ئايالى بولغان ئايال، ئاجراشقاندا ئەر- خوتۇننىڭ نامىدا تەقسىم قىلغۇدەك مال- مۈلۈك بولمىسا، ئايال ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەمدۇ؟ يېقىندا، بىڭتۇەن 4- شى قورغاس بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بىر قېتىملىق ئاجرىشىش دېلوسىنى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، ئەر تەرەپنى ئايال تەرەپكە بىر قېتىمدىلا 50 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشكە ھۆكۈم قىلدى.
2008- يىلى 9- ئاينىڭ 24- كۈنى ما xۋېي بىلەن ما xخۇڭ تىزىملىتىپ توي قىلغان. تويدىن كېيىن ئىككى قىز پەرزەنتلىك بولغان ، ما xخۇڭ خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئائىلە ئايالى بولغان. 2008- يىلى 10- ئايدىن 2020- يىلى 9- ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، ئۇ ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان.
2023- يىلى ئەر- خوتۇن ئىككىيلەننىڭ مۇھەببىتىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكتىن، ئىككى تەرەپ قورغاس بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە ئاجرىشىش دەۋاسى قىلغاندا، سوتچىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن يارىشىپ قالغان. 2024- يىلى 3- ئايدا، ما xخۇڭ يەنە بىر قېتىم سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ ئاجرىشىش دەۋاسى قىلىپ، پەرزەنتلەرنى بېقىش، مال- مۈلۈكنى بۆلۈشۈش قاتارلىق دەۋا تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن سىرت، يەنە ما xۋېيدىن 200 مىڭ يۈەن ئۆي ئىشلىرى تولۇقلىما پۇلى بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
بۇ قېتىم سوت مەھكىمىسى ما xخۇڭنىڭ ئاجرىشىش تەلىپىنى قوللىغان، لېكىن ئەر- خوتۇننىڭ ئورتاق مال- مۈلكىنى بۆلمەكچى بولغاندا، ما xۋېي ئۆزىنىڭ نامىدا بۆلگۈدەك مال- مۈلۈك يوقلۇقىنى ئېيتقان. سوت مەھكىمىسى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئىككىسىنىڭ نامىدا ھەقىقەتەن ھېچقانداق مال- مۈلۈك يوقلۇقىنى، ئۇلار تۇرۇۋاتقان ئۆي، ما xۋېي تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاپتوموبىلنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ نامىدا ئىكەنلىكىنى، ئەر- خوتۇن ئىككىسىنىڭ كۈندىلىك چىقىمىغىمۇ ئەر تەرەپنىڭ ئاتا- ئانىسى «تەستىقلىغان»دىن كېيىن پۇل بېرىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
سوت مەھكىمىسى ما xخۇڭنىڭ توي قىلغاندىن كېيىنكى كۆپ يىللىق تۆلىگەن بەدىلى ھەمدە ما xۋېينىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىككى تەرەپنى ھەر بىرى بىر بالىسىنى بېقىپ چوڭ قىلىشقا قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، ئەھۋالغا قاراپ ما xۋېينى ما xخۇڭغا بىر قېتىمدىلا 50 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشكە ھۆكۈم قىلدى. ھازىر بۇ ھۆكۈم كۈچكە ئىگە.
بۇ دېلو بۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ھۆكۈم چىقىرىش شەكلى ئارقىلىق ئەر تەرەپتىن ئايال تەرەپكە ئۆي ئىشلىرى تولۇقلىما پۇلى بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھېسابلىنىدۇ. دېلو بېجىرگۈچى سوتچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: توي قىلىپ قۇرغان ئائىلىدە، ئەر ياكى خوتۇن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت، زېھنىنى سەرپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چەكلەپ قويىدۇ، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىدۇ، لېكىن قارشى تەرەپ نەپكە ئېرىشىدۇ. ھوقۇق- مەجبۇرىيەت بىردەك بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، كۆپرەك بەدەل تۆلىگەن تەرەپ ئىقتىسادىي تولۇقلىمىغا ئېرىشىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك.
«ئەمما، بۇ خىل تولۇقلىمىدا ئائىلە ئەمگىكىنى ئاددىي ھالدا بازار قىممىتى بويىچە سۇندۇرۇپ ھېسابلاشقا بولمايدۇ، بەلكى ئەر- خوتۇننىڭ ئورتاق مال- مۈلكىنى بۆلۈش ئاساسىدا، ئائىلە ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقتى، سەرپ قىلغان زېھنىي كۈچى، ئائىلە ئىقتىسادى ئەھۋالى، شۇ جاينىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنى ئەتراپلىق ئويلىشىش كېرەك»، دېدى دېلو بېجىرگەن سوتچى.
قانۇن ماددىسى ئۇلانمىسى
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 1088- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئەر ياكى خوتۇن بالىنى تەربىيەلەش، ياشانغانلارنى كۈتۈش، قارشى تەرەپنىڭ خىزمىتىگە ھەمكارلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپرەك مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىپ كەلگەن بولسا، ئاجراشقاندا قارشى تەرەپتىن تولۇقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، قارشى تەرەپ تولۇقلىما بېرىشى كېرەك. كونكرېت چارىسىنى ئىككى تەرەپ كېلىشىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)