ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى يول تورىنى كۆزىتىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مەركىزىنىڭ تاشيول ھاۋا رايى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 9- ئاينىڭ 26- كۈنى سائەت 10دىن 11گىچە، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە مۇلازىمەت مەركىزى تاشيولدا بوراندىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، تاشيولدا قۇم بوراندىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى.
تاشيول بويىدىكى بوراندىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 9- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 28- كۈنى كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن تاشيول بويلىرىدا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئالتە بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، ئۆتكۈنچى بوران يەتتە بالدىن سەككىز بالغىچە بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، G3015 لىنىيەسىنىڭ خوجىرتىدىن قارامايغىچە بولغان بۆلىكى، S201 لىنىيەسىنىڭ مايتاس شامال رايونى، G335 لىنىيەسى، S319 لىنىيەسى ۋە S229 لىنىيەسىنىڭ ئالتاي ناۋخەيفېڭ رايونى بۆلىكى، G3014 لىنىيەسى ۋە G217 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن ئورقۇغىچە بولغان بۆلىكىدىكى قىسمەن تاشيول بويلىرىدا 9- 10 بال غەربىي شىمال بورىنى چىقىپ، بوران كۈچى 11 بالغا يېتىدىكەن، G314 لىنىيەسىنىڭ توقسۇندىن كۈمۈشكىچە بولغان بۆلىكى، G30 لىنىيەسى، G312 لىنىيەسىنىڭ داۋانچىڭدىن داخېيەنگىچە بولغان بۆلىكى (سەنشىلىفېڭ رايونى)، چىقتىمدىن لياۋدۇنغىچە بولغان بۆلىكى (بەيلىفېڭ رايونى) قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن تاشيول بويلىرىدا 11 بالدىن 12 بالغىچە غەربىي شىمال بورىنى، 13 بالدىن 14 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن؛ 27- چېسلا كۈندۈزدىن 28- چېسلا كېچىگىچە، G314 لىنىيەسىنىڭ مارالبېشىدىن خوشۇتقىچە بولغان بۆلىكى، G315 لىنىيەسىنىڭ نىيەدىن يۇلغۇنسايغىچە بولغان بۆلىكى، G218 لىنىيەسىنىڭ كورلىدىن چاقىلىققىچە بولغان بۆلىكىدە ئالتە بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىپ، ئۆتكۈنچى بوران 8- 9 بالغا يېتىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق قۇم توزىدىكەن ياكى قۇم بوران چىقىدىكەن. بوران ۋە قۇم بورانلىق ھاۋارايىنىڭ تاشيول قاتناش- تىرانسپورتىغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىز تەسىرىدىن ساقلىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك ئىكەن.
تاشيول بويىدىكى قۇم بوراندىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىدا كۆرسىتىلىشىچە، مۆلچەرلىنىشىچە، 9- ئاينىڭ 26- كۈنى كېچىدىن 28- كۈنى كېچىگىچە، G314- لىنىيەسىنىڭ توقسۇندىن كۈمۈشكىچە بولغان بۆلىكى، كورلىدىن كوناشەھەرگىچە بولغان بۆلىكى، G315- لىنىيەسىنىڭ قەشقەردىن يۇلغۇنسايغىچە بولغان بۆلىكى، G218- لىنىيەسىنىڭ كورلىدىن چاقىلىققىچە بولغان بۆلىكى، G30 لىنىيەسى، G312 لىنىيەسىنىڭ قومۇلدىن كۇشۇيگىچە بولغان بۆلىكى قاتارلىق تاشيول بويلىرى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ غەربىي شىمال شامىلى ۋە قىيپاش شەرق شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن، قىسمەن رايونلاردا قۇم توزۇيدىكەن ياكى قۇم بوران چىقىدىكەن. بوران ۋە قۇم بورانلىق ھاۋارايىنىڭ تاشيول قاتناش- تىرانسپورتىغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىز تەسىرىدىن ساقلىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك ئىكەن.
شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، ئىلى دەريا ۋادىسى، بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ھۆل- يېغىن مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، قارا يامغۇر، تاغ كەلكۈنى، تاغ گۈمۈرۈلۈش، لاتقا- شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدىكەن.
ئەسكەرتىش: ھاۋارايى ئۆزگىرىشىدە ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت بولغاچقا، يولۇچىلار ئەڭ يېڭى ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىغا دىققەت قىلىپ، ساياھەت ۋە سەپەرگە چىقىش پىلانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. ھازىر ساياھەت پەسلىنىڭ ئاۋات مەزگىلى، تاغقا كىرگەن ساياھەتچىلەر تاغلىق رايوننىڭ ھاۋارايى ئۆزگىرىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، ھاۋارايى ئەھۋالىغا ئاساسەن سەپەرگە چىقىش لىنىيەسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
مايتاغ- كۇچا تاشيولىنىڭ ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇماتى
مەنبە: شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
مەنبە: شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
شىنجاڭ قاتناش ئاۋام سەپەرگە چىقىش ئۇچۇر مۇلازىمەت تورى، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن بىرىكتۈرۈلدى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)