9- ئاينىڭ 26- كۈنى، CBA تۇنجى نۆۋەتلىك كۇلۇبلار لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈشىدىكى چەك تارتىشى تاماملاندى، شىنجاڭ لياۋنىڭ، بېيجىڭ، چىڭداۋ، نەنجىڭ كوماندىلىرى بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈندى.
كونكرېت گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
A گۇرۇپپا: گۇاڭجوۋ، تيەنجىن، گۇاڭدۇڭ، بېيكۇڭ، جياڭسۇ
Bگۇرۇپپا: جېجياڭ، جىلىن، گۇاڭشيا، سىچۇەن، شەندۇڭ
Cگۇرۇپپا: شېنجېن، شاڭخەي، نىڭبو، سەنشى، فۇجيەن
Dگۇرۇپپا: چىڭداۋ، لىياۋنىڭ، نەنجىڭ، بېيجىڭ، شىنجاڭ
كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ، گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەر بىر گۇرۇپپىدىن ئالدىنقى ئىككى كوماندا شاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ، شاللاش مۇسابىقىسى باسقۇچىدا يەككە مەيدان شاللاش تۈزۈمى قوللىنىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى چېمپىيون باھالاپ چىقىلىدۇ.
يېقىندا، CBA ئورگان تەرەپ يېڭى مۇسابىقە پەسىلىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ NBAنىڭ ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچىدىكى دەم ئېلىش مەزگىلىدە پەسىل ئوتتۇرا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ھەم ئۇنىڭغا CBA كۇلۇبلار لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى دەپ نام قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
نۇرغۇن تورداش شىنجاڭ ۋە لياۋنىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان D گۇرۇپپىنى «ھالاكەت گۇرۇپپىسى» دەپ ئاتىدى. CBAنىڭ 2023- 2024 مۇسابىقە پەسلىدە، لىياۋنىڭ كوماندىسى ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە نۆلگە قارشى تۆت نەتىجە بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، CBA كوماندىسىنىڭ ئومۇمىي چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.
(تەنتەربىيە مۇنبىرى ھەپتىلىك گېزىتى، مىگۇ تەنتەربىيەسىدىن بىرىكتۈرۈلدى)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)