بوراننىڭ تەسىرىدە، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا بەزى يولۇچىلار پويىزلىرى قاتناشتىن توختايدۇ
11:45:12 2024-09-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئېلان قىلغان بورانلىق ھاۋارايى ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 9- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 9- ئاينىڭ 28ـ كۈنى كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى، تۇرپان شەھىرى، قۇمۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئالتە بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 11 بالدىن 12 بالغىچە، ئۆتكۈنچى شامال 13 بالدىن 14 بالغىچە بولىدىكەن.

 يولۇچىلارنىڭ سەپەر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۆمۈريول تارماقلىرى ھاۋارايى ئەھۋالىغا ئاساسەن، بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش لايىھەسىنى بىرىنچى ۋاقىتتا ھەرىكەتچان تەڭشەپ، قاتناشنى توختىتىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن دالدىنىدۇ. 9- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا قاتنايدىغان C810- قېتىملىق، C814- قېتىملىق،  C818 - قېتىملىق، C872- قېتىملىق، C634- قېتىملىق، K6722- قېتىملىق،  5816- قېتىملىق، K9786- قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى قاتناشتىن توختايدۇ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ كونكىرت يولغا چىقىش ئۇچۇرىدا ۋوگزالنىڭ ئۇقتۇرۇشى ئاساس قىلىنىدۇ.

 تۆمۈريول تارماقلىرى ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ھاۋا ياخشىلانغان ھامان پويىزلارنىڭ قاتنىشىنى ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. قاتناشتىن توختىتىلغان پويىزلارنىڭ بېلىتىنى سېتىۋالغان يولۇچىلار 12306 تور بېكىتى، 12306APPسى، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش، بېلەت  ئېلىش ئاپپاراتى، ۋوگزال كۆزنىكى ئارقىلىق بېلەت قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ، رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ.

 تۆمۈريول تارماقلىرى كەڭ يولۇچى دوستلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ھاۋا رايى ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىدە، تۆمۈريول تىرانسپورتى ئېنىقسىز ئامىللارغا دۇچ كەلدى، سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى بار يولۇچىلار تۆمۈر يول 12306APPسى، 12306 خېرىدارلار مۇلازىمەت تېلېفونى ياكى «ئۈرۈمچى ۋوگزالى» ۋېيبوسى، ۋوگزال رادىيو ئۇقتۇرۇشى ھەم ئېلېكتىرونلۇق كۆرسىتىش ئېكرانى ئۇچۇرىغا دىققەت قىلىپ، پويىزنىڭ يۈرۈش ئۇچۇرىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، سەپىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. بۇنىڭدىن تۆمۈريول تارماقلىرى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلدى، يولۇچىلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 پايدىلانغان مەنبە: ئۈرۈمچى ۋوگزالى ۋېيبوسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125