ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى لىن) باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىش، ئالاھىدە كۆيۈنۈش، ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى، مالىيە نازارىتى ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى، مالىيە تارماقلىرىنى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، يېتىم بالىلار قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا بىر قېتىملىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىشكە تەشكىللىدى.
نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق تۇرمۇش ياردەم پۇلىنىڭ ھەممىسى مۇددەتتىن بۇرۇن قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قولىغا تارقىتىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىنىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا بولغان غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشى ۋاقتىدا يەتكۈزۈلدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)