پىتنە- ئىغۋانىڭ مەزمۇنى: «ئىنسانلار ھۇرۇنلۇقتا چېكىگە چىققان، بۇ ھۇرۇنلۇق پەن- تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. سەل يۇمۇرىستىك، ئەمما داۋلىسىز بولمىغان بۇ سۆز بەلكىم «چىراينى پەرقلەندۈرۈش» تېخنىكىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز تەرەققىي قىلىدىغانلىقى ھەم كۆپ ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرىشى مۇمكىن. بانكىغا بېرىپ پۇل ئېلىش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئەستە ساقلاش ۋە مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، مەيلى يان تېلېفوندىكى پۇل تۆلەش يۇمشاق دېتالى بولسۇن ياكى تور سىرتىدىكى سودا سارايلىرىنىڭ ئاپتوماتىك پۇل تۆلەش تېرمىنالى بولسۇن، «چىراي تونۇتۇپ» پۇل تۆلەش نۆۋەتتىكى يېڭى يۈزلىنىش بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە نۇرغۇن كىشى چىرايغا تايىنىپلا پۇلنى يۆتكەپ كەتكىلى بولسا، بۇنى نېمىلا دېگەن بىلەن ئانچە ئىشەنچىلىك بولمايدىغاندەك ھېس قىلىپ، چىراي تونۇتۇپ پۇل تۆلەشنىڭ چوقۇم بىخەتەر بولمايدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ.
ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈش: چىراي تونۇتۇپ پۇل تۆلەش ناھايىتى بىخەتەر. چىراينى پەرقلەندۈرۈش ئادەم يۈزى ئۇچۇرىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى بولۇپ، ئەمەلىي قوللانغاندا ئادەتتە چىراي تىرىك تەن تەكشۈرۈشى ۋە چىراينى دەلىللەشتىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چىراي تىرىك تەن تەكشۈرۈشىدە سۈرەت، سىن، مودېل قاتارلىق ھەر خىل ساختا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ قانۇنسىز مەشغۇلات قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، چىراينى پەرقلەندۈرۈپ دەلىللەشتە قانۇنلۇق دەپ دەلىللەشتىن ئۆتكەن ئادەم يۈزى سۈرىتى بىلەن شۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى رويخەتكە ئالدۇرۇپ تىزىملاتقان يۈز قىسمىنىڭ سۈرىتىنىڭ بىردەكلىكىگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. چىراينى پەرقلەندۈرۈشنى 2D چىراي پەرقلەندۈرۈش ۋە 3D چىراي پەرقلەندۈرۈشكە ئايرىشقا بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 3D ئادەم يۈزىنى پەرقلەندۈرۈشتە يىغىلغان چىراي سانلىق مەلۇماتى ئۈچ ئۆلچەملىك بولۇپ، يۈز قىسمىنىڭ چوڭقۇر ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سۈرەت، سىن قاتارلىق تەكشىلىك ساختا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ مەشغۇلات قىلىشنى ئۈنۈملۈك توسۇيدۇ، بىخەتەر، ئاسان ئىشلەتكىلى بولىدىغان، ئۇچراشمايدىغان بولۇشتەك ئەۋزەللىكى بىلەن پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. نۆۋەتتە، تور سىرتىدىكى سودا سارايلىرىنىڭ چىراي تونۇتۇپ پۇل تۆلەش ئەھۋالىدا، مەيلى تېخنىكا جەھەتتە بولسۇن ياكى تەرتىپ جەھەتتە بولسۇن، ھەممىسى ناھايىتى ئىنچىكە لايىھەلەنگەن ۋە نۇرغۇن سىناقدىن ئۆتكەن بولۇپ، بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە.
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)