ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو جۈنگې) بۇ قېتىمقى دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئەگەر شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىغا بېرىپ سەيلى- ساياھەت قىلىش پىلانىڭىز بولسا، ئۇنداقتا دىققەت قىلىڭ، شەخسىي ئاپتوموبىللار باغچە رايونى ئىچىدە ۋاقتىنچە ماڭالمايدۇ.
9- ئاينىڭ 26- كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىدىن ئىگىلىشىچە، ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى ساياھەت تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، ھاۋا رايى ئەھۋالىغا ئاساسەن، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە (10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە)، شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى باغچە رايونى ئىچىدىكى يوللارنىڭ دەرىجىسىنى بىر تۇتاش ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىدىكەن. بۇ ۋاقىتتا، ساياھەتچىلەر شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ باغچە رايونىدا ۋاقتىنچە ماڭالمايدىكەن.
«دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، سەيلە- ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەر شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىمىزغا ھەقسىز توختىتىپ، سەيلە ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ باغچە رايونىدا سەيلە- ساياھەت قىلسا بولىدۇ.» شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى ساياھەت پىلانلاش- تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى پى لىننا مۇنداق دېدى: ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى يېتەرلىك، 1500 ئاپتوموبىل توختاتقىلى بولىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)