9- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن شىنجاڭدا توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان بولدى
17:33:27 2024-09-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لۇ فېڭباۋ) 9- ئاينىڭ 26- كۈنى، شىنجاڭ توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى باشلىدى، شۇ كۈندىن باشلاپ، توكلۇق ۋېلىسىپىتنى پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان بولدى.

9- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر توكلۇق ۋېلسىپىت مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدا، خېرىدارلار توكۇلق ۋېلسىپىت تاللىماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ فوتوسى

 ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جۇ خېشياڭ مۇنداق دېدى: 7- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ 1- باسقۇچىدا، ئىستېمالچىلار ھازىر كونا توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئېلىپ سالاھىيەتكە ئىگە بىراك ئاپتوموبىللارنى يىغىۋېلىش كارخانىلىرى ھەم ئۇلارنىڭ تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ كونا توكلۇق ۋېلىسىپىتنى قايتۇرۇپ، پائالىيەتكە قاتناشقان سېتىش كارخانىلىرىدىن يېڭى توكلۇق ۋېلىسىپىت سېتىۋالسا بولىدۇ. ئىستېمالچىلار توكلۇق ۋېلىسىپىت سېتىۋالغاندا دەرھال كېمەيتىپ بېرىش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۆزىنىڭ نامىدىكى كونا توكلۇق ۋېلىسىپىتنى قايتۇرغان ھەم توكلۇق ۋېلىسىپىتنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ سېتىۋالغاندا ئىستېمالچىلارغا بىر قېتىمدىلا 500 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ؛ لىتىي ئاككۇمۇلياتور باتارېيەلىك كونا توكلۇق ۋېلىسىپىتنى قايتۇرغاندا ھەم قوغۇشۇن ئاككۇمۇلياتور باتارېيەلىك توكلۇق ۋېلىسىپىتنى ئالماشتۇرۇپ سېتىۋالغان ئىستېمالچىلارغا بىر قېتىمدىلا 600 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.

 ھازىر توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ بازاردىكى باھاسى كۆپىنچە 1000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە بولۇپ، ئىستېمالچىلار كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، 500 يۈەندىن 600 يۈەنگىچە ئاز پۇل خەجلەپ يېڭى بىر توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئىگە بولالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسىگە تايىنىپ قانات يايدۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇپىنىڭ ئۇلاش ئېغىزى يۈنشەنفۇ، قۇرۇلۇش بانكىسى تۇرمۇش APPسى ۋە يىجىفۇ  APPسىغا ئېچىۋېتىلىدۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى، مال سېتىۋېلىش تالونى، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار ئامىل شارائىتى، ئۇچۇرى ھەمدە يامان غەرەزدە ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پايدىغا ئېرىشىش قاتارلىق خىزمەتلەر بۇ سۇپا ئارقىلىق «بىر بېكەت شەكلى»دە تاماملىنىدۇ.

 «ھەرقايسى دۇكانلار ئىستېمالچىلارنىڭ دۇكان ئالدىغا كېلىپ ئالماشتۇرۇپ سېتىۋېلىشىنى كۈتمەكتە»، دېدى شىنجاڭ شاڭتۇ سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى دىڭ شۇلېي. بۇ شىركەتنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدا 70 سېتىش تور نۇقتىسى بار بولۇپ، ھازىر كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىگە قارىتا تەييارلىق قىلىپ بولدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125