ھەر قېتىمدا ئۈچ ئۈلۈش تاتلىق سۈتچاينى تاللىغان! دوختۇر مۇنداق ئەسكەرتتى —
كۈز كېلىشى بىلەن، «كۈزدىكى تۇنجى ئىستاكان سۈتچاي» يەنە بىر قېتىم توردا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ خۇشاللىق مەنبەسىدە سۈتچايغا يېتىدىغىنى يوق، لېكىن بۇ شېرىن تەم ئۈچۈن، بەزىلەر دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى ...
سۈتچاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھەممە چىشى مايماق بولۇپ كەتتى
شياۋ ليۇ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بۇ يىل 13 ياش، تولۇقسىز 2- يىللىق ئوقۇغۇچىسى. ئۇنىڭ بىر خۇمارى بار، ئۇ بولسىمۇ سۈتچاي ئىچىش.
«بېسىمى ئىششىپ كەتسىلا سۈتچاي ئىچكۈسى كېلىدۇ، ئىچكەندىن كېيىن خۇشال بولىدۇ، شۇنداقلا روھىمۇ كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ». شياۋ ليۇ سۈتچاينى بارا- بارا ئۆگىنىش قىلغاندا روھنى كۆتۈرۈشتىكى ياخشى نەرسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك كەچتە بىر ئىستاكان ئىچكەن.
شياۋ ليۇ ئېگىز ھەم ئورۇق بولۇپ، ئۇنىڭدا نۇرغۇن كىشىگە ئوخشاش سۈتچاي ئىچىپ سەمرىپ كېتىشتىن ئەنسىرەيدىغان ئەندىشە قىلچىمۇ بولمىغاچقا، مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن سۈتچاينى سۇ ئورنىدا كۆرۈپ، ھەر كۈنى كەچتە بىر ئىستاكان سۈت ئىچكەچ ئۆگىنىش قىلاتتى. ئۆيدىكىلىرى بالا شۇنچە جاپالىق ئۆگىنىش قىلىۋاتقاندىكىن، سۈتچاي ئىچىشى ھېچقانچە ئىش ئەمەس، دەپ ئويلىغان.
ئەمما يېقىندا، شياۋ ليۇ چىشىنىڭ مايماق، سېرىق ھەم قارىداپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. شياۋ ليۇنىڭ ئاپىسى ئۇنى دەرھال خاڭجوۋ شەھەرلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە ئەكەلدى، كېسەل قوبۇل قىلغان ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ خۇاڭ شياۋ ليۇنىڭ چىشىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن، پۈتۈن چىش خۇددى گەجگە ئوخشاش ناھايىتى ئاجىز، يەنە كېلىپ نۇرغۇن ئاق داغلار پەيدا بولغان بولۇپ، يېنىك تەگسىلا چۈشۈپ كەتكەن، چىشلىرى مايماقلىشىپ كەتكەن، ئۇ ئېغىر دەرىجىدىكى «چىش كىسلاتالىشىپ چىرىش كېسىلى»گە گىرىپتار بولغان ئىكەن.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق شياۋ ليۇنىڭ 12 تال چىشىدا ئېغىر دەرىجىدە چىش چىرىش ئەھۋالى بارلىقىنى، جەزمەن ئۇزاق ۋاقىت چىش يىلتىزىنى داۋالاش ۋە چىش تاجىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەكلىكى ئېنىقلانغان.
تېخى كىچىك تۇرۇپلا، چىشى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتكەن. جاڭ خۇاڭ مۇنداق دېدى: شياۋ ليۇنى مەن كىلىنىكىدا ئۇچراتقانلار ئىچىدىكى ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولغان بىر مىسال.
«تاتلىق ئەمەس» ئىچىملىكلەر چىشىڭىزنى ئوغرىلىقچە ۋەيران قىلماقتا
جاڭ خۇاڭ يەنىمۇ تەپسىلىي ئەھۋال ئىگىلەپ دىياگنوز قويغاندىن كېيىن، شياۋ ليۇنىڭ «چىش كىسلاتالىشىپ چىرىش كېسىلى» ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەت سۈتچاي ئىچىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىدى.
«سۈتچاي ئىچكەندە ھەمىشە ئۈچ ئۈلۈش شېكەرلىك، تاتلىق ئەمەسنى تاللاپ ئىچىپ تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن يەنە چىشنى قۇرت يەيدۇ؟» شياۋ ليۇنىڭ ئاپىسىنىڭ ھەر قانچە ئويلاپمۇ ئىدىيەسىدىن ئۆتمىدى. جاڭ خۇاڭ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن كىشى سۈتچاينى سۈت بىلەن چايدىن تەركىب تاپقان دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا كۆپ مىقداردا شېكەر يىغىلغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىدۇ. ئۈچ ئۈلۈش تاتلىق سۈتچاي بولسىمۇ، تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كۆرگىلى بولمايدىغان قەنت ماددىسى بولىدۇ.
جاڭ خۇاڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامبۇلاتورىيەدە نۇرغۇن «چىش چىرىش كېسىلى»گە گىرىپتار بولغان ياش- ئۆسمۈر ئاغرىقنى ئۇچراتتۇق، ئۇلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. تەپسىلىي سۈرۈشتۈرسەك، بۇ كىچىك ياشتىكى ئاغرىقلارنىڭ كۆپىنچىسىدە كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر ۋە قەنت تەركىبى يۇقىرى ئىچىملىكلەر (مەسىلەن، سۈتچاي، مېۋە شەربىتى، كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر)نى كۆپ ئىستېمال قىلىش ئادىتى بارلىقى ئېنىقلاندى.
يېمەكلىك تەركىبىدىكى شېكەر، بولۇپمۇ قومۇش شېكىرى بەلگىلىك ۋاقىتتىن كېيىن ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەرنىڭ پارچىلىشى، ئېچىتىشى ئارقىلىق كىسلاتا ھاسىل قىلىدۇ، كىسلاتا يەنە چىشتىكى مىنېرال ماددىلارنى ئېرىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىسلاتالىشىپ چىرىش كېسىلى ياكى چىش چىرىش كېسىلىگە تەرەققىي قىلىدۇ. كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنىڭ pH قىممىتى ئادەتتە 5.5تىن تۆۋەن بولىدۇ، كۆپ ئىچسە، چىش يۈزىنىڭ كىسلاتالىق ماددىلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ۋاقتى ئېشىپ، چىش كىسلاتالىشىپ چىرىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەر قەنت تەركىبىدىن پايدىلىنىپ كىسلاتالىق مېتابولىت ھاسىل قىلىپ، چىشنى چىرىتىدۇ. «سۈتچاينىڭ چىشقا بولغان زىيىنى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى شېكەردىن باشقا، يەنە بىر مۇھىم ئامىل ۋاقىتمۇ بار.» جاڭ خۇاڭ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن كىشى سۈتچاينىڭ تەمىنى ئالدىرىماي تېتىپ، ھۇزۇرلىنىپ ئىچىدۇ، شياۋ ليۇغا ئوخشاش ھەر كۈنى ئاخشامى ئالدىرىماي ئىچسە، ئۇزۇن ۋاقىت شېكەرنىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېغىز بوشلۇقىنى ۋاقتىدا تازلىمىسىمۇ، چىشنى قۇرت يەيدۇ. دەسلەپتە چىشنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى مىنېرال ماددا ئېرىپ، يۇمشاپ، ئاق داغ پەيدا بولىدۇ، يەنىمۇ ئېغىرلاشقاندا تەرەققىي قىلىپ «چىش كىسلاتالىشىپ چىرىش كېسىلى»گە گىرىپتار بولىدۇ.
ئۇزاق مۇددەت سۈتچاي ئىچكەندە چىشنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، چىش باكتېرىيە دېغى سۈتچاي تەركىبىدىكى پىگمېنتنى سۈمۈرۈۋالىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى چىش سارغىيىپ، قارىداپ كېتىدۇ.
(داۋامى بار)
پايدىلانغان مەنبە: پەننى ئومۇملاشتۇرغان جۇڭگو ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)