ئىچىملىككە يوشۇرۇنغان شېكەر تەسەۋۋۇرىڭىزدىكىدىن خېلىلا كۆپ
ئىچكەندە ئانچە تاتلىق تۇيۇلمايدىغان ياكى ماتېرىيالىدا قومۇش شېكىرى، ئاق شېكەر بولمىغان نۇرغۇن ئىچىملىكنىڭ تەركىبىدە «يوشۇرۇن شېكەر» بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەنت مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بىزنىڭ «شېكەرنى كونترول قىلىشىمىزدىكى قاتىل»غا ئايلاندى.
«قەنتسىز» دەپ جاكارلىغان ۋاڭخۇڭ 14 خىل سۈتچاينىڭ ئومۇمىي قەنت تەركىبى قاتارلىق تەركىبلىرىگە قارىتا بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇ 14 خىل سۈتچاينىڭ قەنت تەركىبى بارلىقى بىردەك تەكشۈرۈپ چىقىلغان، بىر ئىستاكان 500 گىرام بويىچە ھېسابلىغاندا، ھەر بىر ئىستاكان سۈتچاينىڭ ئومۇمىي قەنت مىقدارىنىڭ دائىرىسى 4.45~ 24.5 گىرام بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئىستاكاننىڭ قەنت مىقدارى 14.8 گىرامغا يەتكەن.
كۆپىنچە ئىچىملىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا شېكەر بار. بىر قەدەر قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، قەھۋەگە دائىم قوشىدىغان چاقماق قەنتنى ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر تال چاقماق قەنت تۆت گىرام قەنتكە باراۋەر كېلىدۇ، كۆپچىلىككە بىر نەچچە مىسال كەلتۈرەيلى:
بىر بوتۇلكا 500 مىللىلىتىر بىڭتاڭ شۆلىنىڭ تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى 60 گىرام بولۇپ، بۇ تەخمىنەن 15 تال چاقماق قەنتكە باراۋەر؛
بىر ئىستاكان ئادەتتىكى قەنتلىك سۈتچاينىڭ تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى تەخمىنەن45~ 50 گىرام بولۇپ، تەخمىنەن 11 ~ 12 تال چاقماق قەنتكە باراۋەر؛
بىر بوتۇلكا 500 مىللىلىتىر بىڭخۇڭ چاينىڭ تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى تەخمىنەن 48.5 گىرام بولۇپ، تەخمىنەن 12 تال چاقماق قەنتكە باراۋەر؛
بىر بوتۇلكا 300 مىللىلىتىر قۇتىلىق كولانىڭ تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى تەخمىنەن 32 گىرام بولۇپ، تەخمىنەن سەككىز تال چاقماق قەنتكە باراۋەر؛
بىر ئىستاكان 300 مىللىلىتىر ئادەتتىكى قەھۋەنىڭ تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى تەخمىنەن 16.5 گىرام بولۇپ، تەخمىنەن تۆت تال چاقماق قەنتكە باراۋەر.
«جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى (2022 )»دە: ھەر كۈنى قوشۇلغان شېكەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى 50 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئەڭ ياخشىسى 25 گىرامدىن ئاز بولۇشنى كونترول قىلىش كېرەك، دەپ تەكلىپ بېرىلگەن. 25 گىرام قەنت مىقدارى تەخمىنەن ئالتە تال چاقماق قەنتكە باراۋەر بولۇپ، ئۇنى بىراقلا يېگەندە، كۆپچىلىككە بېسىم ھېس قىلىشى مۇمكىن، لېكىن 500 مىللىلىتىر ئىچىملىكنى بىراقلا ئىچىۋەتسە بېسىم ھېس قىلمايدۇ.
ئەگەر ئادەتتە ئىچىملىك ئىچىش ئادىتى بولسا، بىر كۈندە ئىككى بوتۇلكا ئىچىملىكنى ئارتۇق ئىچسە، قوبۇل قىلىدىغان شېكەر تەۋسىيە قىلىنغان مىقدارنىڭ نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىشى مۇمكىن!
ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى قانداق ساقلاش كېرەك؟
دوختۇر مۇنداق ئەسكەرتتى: ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن چوقۇم تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك:
ئالدى بىلەن كىسلاتالىق، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەتنى ئۆزگەرتىپ، چۈچۈمەل، تاتلىق، ئىچىملىك، يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. سۈتچاي ناھايىتى ئىچىشلىك، شۇنداقلا تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقى، بۇ ئىچىشكە بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك، ئۇنداق قىلمىغاندا چىش باشتىن- ئاخىر ئاچچىق- چۈچۈك مۇھىتتا تۇرغاچقا، ئاسانلا چىشتىكى مىنېرال ماددىلار ئېرىپ چىش كىسلاتالىشىپ چىرىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، چۈچۈمەل، تاتلىق يېمەكلىكلەردىن كېيىن، ئازراق سۈزۈك سۇدا ئېغىزنى چايقىغاندا، ئېغىزنىڭ كىسلاتالىشىش مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىغىلى بولىدۇ. تاماقتىن كېيىنكى يېرىم سائەت ئىچىدە فىتورلۇق تەركىبلىك چىش پاستىسى بىلەن چىش چوتكىلىغاندا، چىشنىڭ ئۇپرىشىنى يېنىكلەتكىلى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە چىش مىنېراللىشىپ چىشنى چىڭىتقىلى بولىدۇ. ئەگەر چىش كىسلاتالىشىپ چىرىش كېسىلى چىشنىڭ سەزگۈرلۈكىنى، ھەتتا چىش چىرىش، چىش يىلىكى ياللۇغى، چىش تېنى كەمتۈك بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، تېزدىن كەسپىي ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى دوختۇرىغا بېرىپ داۋالىنىڭ.
پايدىلانغان مەنبە: پەننى ئومۇملاشتۇرغان جۇڭگو ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)