ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى لى پېڭشىن قاتارلىقلارنىڭ دېلوسى بويىچە دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى
دېلو ئارقىلىق ئىبرەت ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇش، دېلو ئارقىلىق تۈزەشكە تۈرتكە بولۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر دەقىقىمۇ توختىتىپ قويماي ئالغا سىلجىتىش كېرەك
ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، 9- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى لى پېڭشىن قاتارلىقلارنىڭ دېلوسى بويىچە دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، لى پېڭشىن، خەن يۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي قاتارلىقلارنىڭ دېلوسىدا ئاشكارىلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، چوڭقۇر سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، دېلو ئارقىلىق ئىبرەت ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، دېلو ئارقىلىق تۈزەشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر دەقىقىمۇ توختىتىپ قويماي ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قۇدرەتلىك، كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار ئىشخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار ئىدارىلىرىدىكى يولداشلار يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بۇ قېتىمقى دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يىغىندىن ئىلگىرى، دائىمىي كومىتېت بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، لى پېڭشىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۆزى تەكشۈرۈش، ئۆزى تۈزىتىش، تەكشۈرۈش- تەھلىل قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالى يازدى. يىغىندا، ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار بىر- بىرلەپ ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ سۆز قىلدى، كەسكىن تەنقىد قىلىش ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.
كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە لى پېڭشىن قاتارلىق كىشىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدا ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاش، قەتئىي يول قويماسلىقتەك كۈچلۈك سىگنالنى يەنە بىر قېتىم قويۇپ بەردى. مەركەزنىڭ بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمىز. لى پېڭشىن قاتارلىقلارنىڭ دېلوسىنى ئىبرەت قىلىپ، ئۈزۈل- كېسىل ئۆزلۈك ئىنقىلابى روھى ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش جاسارىتى بىلەن، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، نىشانلىق تۈزەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئاخىرغىچە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشىنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش- تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ، باشتىن- ئاخىر تەلەپچان بولۇش، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئادا قىلىش، تەۋەلىكنى قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، تېخىمۇ قاتتىق ئىنتىزام ئىستىلى، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز.
ما شىڭرۇي خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى تۇتۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم ۋە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم- كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلدا ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى قوللىنىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىدىيە جەھەتتىن تاۋلىنىش، روھىي جەھەتتىن چېنىقىشنى قوبۇل قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاش، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇشقا تەربىيەلىشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىياز يوق دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرىنىڭ 1- جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى ۋە بەنزە ئەزالىرىنىڭ «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»ىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ پاك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى دەل جايىدا قېلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق كادىرلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. تەشكىلىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، تەشكىلىي نازارەتچىلىك ۋە ئىنتىزام چەكلىمىسىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللەتلەر رايونىدىكى كادىرلارنىڭ «تۆت ئالاھىدە» ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىسلاھاتنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇشى ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشى كېرەك. خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇق قارىشى ياتلىشىش، سىياسىي نەتىجە قارىشى بۇرمىلىنىش، كەسىپ قارىشى ئېغىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ تۈزىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىشكە، ئوبراز قۇرۇلۇشى قىلىشقا قارشى تۇرۇشى كېرەك. راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئېسىل ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، پارتىيەگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىشقا تەربىيەلىشى، يېتەكلىشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن ئاكتىپ، ساغلام بولغان پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىرقانچە مىزاننى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چەمبىرەك مەدەنىيىتى، پىرىستان مەدەنىيىتى قاتارلىق ناچار ھادىسىلەرگە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، يېقىن، پاك ھۆكۈمەت- سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)