چوڭ بازار قانداق قىلىپ بۇ «دۆلەت دەرىجىلىك» ئالاھىدە شان- شەرەپكە ئېرىشتى؟
13:14:11 2024-09-29 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 ئۈرۈمچى چوڭ بازار مەنزىرە رايونى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك كوللېكتىپ دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى

 چوڭ بازار قانداق قىلىپ بۇ «دۆلەت دەرىجىلىك» ئالاھىدە شان- شەرەپكە ئېرىشتى ؟

9- ئاينىڭ 27- كۈنى، چوڭ بازار مەنزىرە رايونى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت نۇقتىسىدىكى خىزمەتچى ساياھەتچىگە مۇلازىمەت قىلماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مىرزات مۇتەللىپ فوتوسى)

 جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى خۇشال- خۇرام كۈتۈۋېلىنىۋاتقان پەيتتە، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى، ئۈرۈمچى چوڭ بازار مەنزىرە رايونى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك كوللېكتىپ دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

 تەقدىرلەنگەن كوللېكتىپ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى چوڭ بازار مەنزىرە رايونى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى بەي يۈنجيەن كوللېكتىپقا ۋاكالىتەن سەھنىگە چىقىپ مۇكاپات ئالدى.

 بەي يۈنجيەن مۇنداق دېدى: ناھايىتى ھاياجانلاندىم ھەم ئىلھاملاندىم، بىز چىڭ تۇرغان يول توغرا، ئۇنى چوقۇم قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسىغا جايلاشقان چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا تىجارەتچىلەر، ساياھەتچىلەر كۆپ، ئۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى بولۇپ، «شىنجاڭ كۆزنىكى»، «ئوتتۇرا ئاسىيا كۆزنىكى» دەپ ئاتالدى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ بازارنىڭ «ئالتۇن نام كارتىسى»نىڭ ئۇنىۋېرسال توپلاش ئۈنۈمىنى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى سودا چەمبىرىكىدىكى تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىقتىساد جەھەتتە ئالاقىلىشىشى، مەدەنىيەت جەھەتتە ئالماشتۇرۇشى، ھېسسىيات جەھەتتە يۇغۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پائال يېتىلدۈرۈشتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، چوڭ بازار مەنزىرە رايونىنى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا نامايان قىلىدىغان كۆزنەككە ئايلاندۇردى.

 بۇ «دۆلەت دەرىجىلىك» ئالاھىدە شان- شەرەپ قانداق قولغا كەلدى؟ بۈگۈن بىز بۇنىڭ جاۋابىنى بىلىپ باقايلى.

 ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىشىش كۆزنىكى

 باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا: «ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىشىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيلىك ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشىدىكى مەدەنىيەت گېنى» دەپ تەكىتلىدى، چوڭ بازارغا كەلگەن ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ بۇنىڭغا بولغان تەسىراتى ئەڭ چوڭقۇر.

 چوڭ بازار مەنزىرە رايونىغا كىرگەندە، ھەر كۈنى سائەت 12:00 ۋە 18:00دە ئۆتكۈزۈلىدىغان رەستە ئېچىش مۇراسىمىغا كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى ۋە دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر ئەڭ تەقەززا بولىدۇ.

 دوڭ! دوڭ! دوڭ! رەستە ئېچىش مۇراسىمىدا جۇڭخۇا دۇمبىقىنىڭ ئاۋازىغا ئەگىشىپ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، تاجىك، موڭغۇل مىللىتىنىڭ كىيىم ـ كېچەكلىرىنى كىيگەن ئارتىسلار بىر- بىرلەپ سەھنىگە چىقتى. ئۇلار بىردەم قارا يورغا ئوينىسا، بىردەم بۈركۈت ئۇسسۇلى، بىردەم خۇائېر ئېيتىپ، يەنە بىردەم موڭغۇلچە ئۇسسۇلنى ئويناپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىنى بىر- بىرلەپ نامايان قىلدى.

 شىنجاڭنى نامايان قىلىدىغان كۆزنەك بولۇش سۈپىتى بىلەن، چوڭ بازار ئۇنىۋېرسال مەنزىرە رايونى مۇلازىمەت مەركىزى مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى بەرپا قىلىشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىغا ئورگانىك سىڭدۈرۈپ، ھەر مىللەت ساياھەتچىلەرگە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇردى.

 ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى جوۋ يالەن مۇنداق دېدى: «چوڭ بازارغا كەلسىڭىز، پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلالايسىز! ھەر قېتىملىق بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى مەنزىرە رايونىغا دۆلەت ئىچىدىكى باشقا شەھەرلەرنىڭ ئويۇن قويۇش ئەترەتلىرى كېلىپ ئويۇن قويىدۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ يىڭگې ئۇسسۇلى، خۇاڭخې ئۇچار ئەجدىھا ئويۇنى، شىنىڭ ياغاچ ئاياغ ئويۇنى، شىئەن دۇمباق مۇزىكىسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر توي ئۆرپ- ئادىتى كۆرگەزمىسى قاتارلىقلارنى كۆرۈپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدىم».

 ئۈرۈمچى چوڭ بازار مەنزىرە رايونى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى فېڭ جيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەنزىرە رايونىمىز يەنە ناخشا- ئۇسسۇل ئويۇنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان قەغەز قىيما، قول ھۈنىرى كەشتىچىلىكى قاتارلىق ھەمتۈرتكە پائالىيەتلەرنى تەسىس قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى ئۆزى بىۋاسىتە ھېس قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ خىل قاتنىشىش تۇيغۇسى ۋە ھەمتۈرتكە بولۇش ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىش تەسىراتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپلا قالماي، ئۇلارغا بۇنىڭ ئىچىدىكى مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ، ئۈن- تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

 قويۇق مەدەنىيەت كەيپىياتى كۆپچىلىككە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسنى ھېس قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ۋە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى. مەدەنىيەتنىڭ «چەمبىرەكتىن ھالقىپ» چىقىشى چوڭ بازار مەنزىرە رايونىنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بەردى. بۇ يىل 1- ئايدىن 8- ئايغىچە مەنزىرە رايونى 21 مىليون ساياھەتچى (قېتىم)نى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.1 ئاشتى، يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 200 مىڭ (قېتىم)غا يەتتى.

 ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر- بىرىگە تايىنىش كۆزنىكى

 باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا: «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر- بىرىگە تايىنىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي گەۋدە بەرپا قىلىشىدىكى قۇدرەتلىك كۈچ» دەپ تەكىتلىدى، ھەر مىللەت تىجارەتچىلەر بۇنىڭغا قارىتا ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

 چوڭ بازار مەنزىرە رايونى پۈتۈنلەي سودا خاراكتېرىنى ئالغان مەنزىرە رايونى بولۇپ، ھازىر كۆپ مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىجارەتچىدىن 1443ى بار. چوڭ بازار مەنزىرە رايونى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى سودا تور نۇقتىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىستېمال مەنزىرىسىدە يېڭىلىق يارىتىش، «كۆڭۈللۈك» مۇلازىمەت ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەرقايسى سودىگەرلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

 شۇ كۈنى سىم- سىم يامغۇر يېغىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ ساياھەت قىزغىنلىقىغا تەسىر يەتكۈزەلمىدى. گۇاڭدۇڭدىن كەلگەن ساياھەتچى جاڭ بىچىن مىللىيچە كىيىم- كېچەكلەرنى كىيىپ، فوتوگرافنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەر خىل قىياپەتلەرنى چىقىرىپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

 جاڭ بىچىن مۇنداق دېدى: «ئىمارەتلەر ناھايىتى ئۆزگىچە، كوچا رايونى ناھايىتى گۈزەل، فوتوگراف تەۋسىيە قىلغان داكا نۇقتىلىرىمۇ ناھايىتى كۆپكەن، تاماشا مۇنارى ئاستى، ئانارگۈلى كوچىسى، ئەپەندى يېمەك- ئىچمەك ئۈستى ئوچۇق ئاشخانىسىغا بېرىپ چىرايلىق سۈرەتلەرگە چۈشىمەن. ساياھەت سۈرىتى تارتىش دۇكانلىرى ناھايىتى كۆپ، لېكىن باھا پەرقى چوڭ ئەمەسكەن، مۇلازىمىتىمۇ ناھايىتى ياخشىكەن».

 ساياھەت سۈرىتى تارتىش كەسپى چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا بۇ يىل گۈللەنگەن كەسىپ بولۇپ، ساياھەت سۈرىتى تارتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان تىجارەتچى 50تىن ئاشىدۇ. دەسلەپتە رىقابەت كەسكىن بولغاچقا، ساياھەت سۈرىتى تارتىش جەھەتتىكى زىددىيەت- ماجىرالارنى ئەرز قىلىش مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئىلگىرى مەنزىرە رايونىدىكى ئەڭ كۆپ ئەرز قىلىنىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى.

 فېڭ جيەن مۇنداق دېدى: «ساياھەتچىلىكتە <بىر خاتالىق ھەممە تىرىشچانلىقنى نۆلگە تەڭ قىلىدۇ> دەيدىغان گەپ بار، بۇ بىر ئوبرازلىق ئوخشىتىش، لېكىن مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلىكىنىڭ ساياھەتچىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بىز دىققەتنى مەنزىرە رايونىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ساياھەت سۈرىتى تارتىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەتچىلەرنى تىجارەتنى قانداق قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدا بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىشكە تەشكىللىدۇق، ئاخىرىدا كۆپچىلىك باھا جېڭىدە يامان غەرەزلىك رىقابەتتىن ساقلىنىش، ۋىۋىسكا كۆتۈرۈپ خېرىدار جەلپ قىلىش، باھانى ئېنىق يېزىش، مۇلازىمەت مەزمۇنىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى».

 يىنشياڭ بازارنىڭ تىجارەت مەسئۇلى جوۋ جيەنشىن مۇنداق دېدى: «مەنزىرە رايونى ياخشى بولسا، بىزمۇ ياخشى بولالايمىز. تىجارەتنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەنزىرە رايونىنىڭ ئىناۋىتى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە خېرىدارلىرىمىزنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى خېرىدارلارنى جەلپ قىلىدۇ».

 بازار تىجارىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ساھە تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىشكە ئوخشاش، چوڭ بازار مەنزىرە رايونى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى يەنە پىدائىيلار مۇلازىمەت نۇقتىسى تەسىس قىلىش ئارقىلىق تىيانشان رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسىنىڭ قوللىشى بىلەن قاتناشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ قوللىشى بىلەن تاماكا چېكىش نۇقتىسى تەسىس قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، كارخانا، تىجارەتچىلەرنى تايانچقا، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنى تەۋەلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.

 ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات جەھەتتە ئۇرۇق- تۇغقاندەك ئۆتۈش كۆزنىكى

 باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇنداق تەكىتلىدى: «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات جەھەتتە ئۇرۇق- تۇغقاندەك ئۆتۈشى جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشتىكى كۈچلۈك رىشتە». بۇ دەل بۇ يەردىكى تىجارەتچىلەر ۋە ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى.

 «بىز 20 نەچچە ياش ۋاقتىمىزدىلا تونۇشاتتۇق، كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە شىنجاڭدا ياشاۋاتقىنىمىزغا 27 يىل بولدى». چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدىكى تىجارەتچى ليۇ شيۇ ئۆزىنىڭ سۇلايمان مەمتىمىن بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بولغان ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.

 1997- يىلى ليۇ شيۇ، جاڭ شىڭجيەن ئەر- خوتۇن خۇبېيدىكى يۇرتىدىن ئېرداۋچياۋ بازىرىغا تىجارەت قىلغىلى كېلىپ، مىس بۇيۇملار تىجارىتى قىلىدىغان يىگىت سۇلايمان مەمتىمىن بىلەن تونۇشۇپ قالغان. ئۇ چاغدا ئېرداۋچياۋ بازىرى ئۈستى ئوچۇق بازار بولۇپ، ئۇلار قىشتا مەشكە ئوت قالاپ ئىسسىناتتى.

 ليۇ شيۇ ئوت قالاشنى بىلمىگەچكە، دائىم ئۈستبېشى ئىستىن قاپقارا بولۇپ كېتەتتى، ئۇ مەشكە ئوت تۇتاشتۇرالماي جىلە بولۇپ مەشنى تاشلىۋەتكەندە، سۇلايمان مەمتىمىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن مېشىدىكى كۆيۈۋاتقان كۆمۈرنى جاڭ شىڭجيەن ئەر- خوتۇننىڭ مېشىگە سېلىپ، ئوتنى تۇتاشتۇرۇپ بەردى، شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى ئائىلە بارا- بارا يېقىن بولۇپ كەتتى.

 سۇلايمان مىجەزى تۈز، ئوچۇق يىگىت ئىدى، لېكىن ئۇ پۇتۇڭخۇانى ئانچە ياخشى سۆزلىيەلمەيتتى، دائىم باھا تالاشقاندا ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن خېرىدارلار بىلەن قىزىرىشىپ قېلىپ، ياخشى سودا پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قوياتتى.

 بىر قېتىم سۇلايمان مەمتىمىننىڭ دۇكىنىغا مىس لوڭقا سېتىۋالىدىغان ئىككى خېرىدار كەلدى، ئىككى تەرەپ بىر سائەتتىن ئارتۇق باھا تالاشقان بولسىمۇ، يەنىلا پۈتۈشەلمەي، ئازراق كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەردى. پۈتۈن جەرياننى كۆرۈپ تۇرغان ليۇ شيۇنىڭ ئىچى تىتىلداپ، دەرھال خېرىدارلارنى دۇكانغا تەكلىپ قىلىپ، چاي قۇيۇپ، سۇلايمان مەمتىمىنگە ياردەم قىلىپ خېرىدارلارغا ياخشى چۈشەندۈرۈپ بەردى، ئاخىرىدا ئۇلار 65 مىڭ يۈەنلىك سودىدا پۈتۈشتى.

 2016- يىلى جاڭ شىڭجيەن شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا دۇكان ئاچتى ھەم سۇلايمان مەمتىمىننى دۇكىنىنى چوڭ بازارغا كۆچۈرۈپ كىرىشكە ئىلھاملاندۇردى. سۇلايمان مەمتىمىننىڭ مەبلىغىنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قىلدى.

 سۇلايمان مەمتىمىن مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ماڭا 80 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرز بېرىپ تۇردى، بۇنىڭ بىلەن ئىجارە ھەققىنى تۆلىۋالدىم، دۇكىنىمنى بېزىۋالدىم، مال كىرگۈزدۈم».

 ليۇ شيۇ، جاڭ شىڭجيەن ئەر- خوتۇن بىلەن سۇلايمان مەمتىمىننىڭ ھېكايىسى چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ بىر- بىرىگە بولغان مېھىر- مۇھەببىتىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى.

 مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شەھىرىنىڭ كۆزنىكى

 ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شەھىرى بەرپا قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا تەكىتلىگەن «تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشقان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك» دېگەن سۆزىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى.

 جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە ئۇلۇغ مىللەت، ھەرقايسى مىللەتلەر ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئېچىپ، بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، پارلاق جۇڭگو تارىخىنى ئورتاق پۈتۈپ، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق يارىتىپ، ئۇلۇغ مىللەت روھىنى ئورتاق يېتىلدۈردى.

 ئۈرۈمچى چوڭ بازار مەنزىرە رايونى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك كوللېكتىپ دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىشى ئۈرۈمچىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شەھىرى بەرپا قىلىشىنىڭ بىر ۋاسىتىسى ۋە ئىخچام كارتىنىسى.

 ئۈرۈمچى شەھىرى مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇردى، ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلىرى تارىخىي ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ناخشىسىنى پۈتۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭراتتى.

 مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەھەللە، يېزا- كەنت، مەكتەپ، كارخانا قاتارلىق ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت كۆزنىكىگە كۈچەپ سىڭدۈرۈلۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش دائىملاشتۇرۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئامما مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى «ياخشى ئاھالە»، «ياخشى كەنت ئاھالىسى»، «ياخشى ئائىلە»، «ياخشى قوشنا» قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت مىكرو بەرپا قىلىش ھەرىكەتلىرىگە كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشقا يېتەكلىنىپ، بەرپا قىلىش خىزمىتى «يالغۇز كىشىلىك ناخشا ئېيتىش»تىن «خور ئېيتىش»قا ئۆزگەرتىلىپ، توغرا يۆنىلىشتە چېتىگىچە، تىك يۆنىلىشتە ئاخىرغىچە يەتكۈزۈلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش ئەندىزىسى يارىتىلدى.

 «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش»نىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئامما، تىجارەتچىلەر ۋە تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئۆزئارا قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇنۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىغا تايىنىلىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش، بىرلىشىپ ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق پائالىيەتلەر چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، بوشلۇق، ئىدىيە، جەمئىيەت، ئىقتىساد قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن ئورتاق كۈچ چىقىرىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى مۇستەھكەملەندى.

 ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مىللەتلەر خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تۈزۈم- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە مىللەتلەر خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئۇنى قوللايدىغان ياخشى كەيپىيات ياراتتى. كۆپچىلىكنىڭ تىرىشچانلىقىدا ئۈرۈمچىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى سىجىل ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى، زامانىۋىلاشقان خەلقئارا شەھەر قۇرۇلۇشىدا يېڭى، پۇختا قەدەم تاشلاندى، ھەر مىللەت ئامما ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن بولدى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.

 نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرى مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگىلىك رايون، ئۈلگىلىك ئورۇندىن ئىككىنى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگىلىك رايون، ئۈلگىلىك ئورۇندىن ئالتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى؛ مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك كوللېكتىپ 21گە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك كوللېكتىپ 43كە يەتتى؛ 31 كىشى مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخس شەرىپىگە، 138 كىشى ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخس شەرىپىگە ئېرىشتى.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ لىنا، شى چۇەنجى خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125