ئالتاي- قۇم كەنتى تاشيولىدا 9- ئاينىڭ 30- كۈنى سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلىنىدۇ
20:37:46 2024-09-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 9- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئالتاي نۆل ئارىلىق ئاممىۋى سۇپىسى ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئالتاي- قۇم كەنتى تاشيولى نۆۋەتتە دەسلەپكى قەدەمدە قاتناش شارائىتىنى ھازىرلىغان بولۇپ، 2024- يىلى 9- ئاينىڭ 30- كۈنى سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلاش بېكىتىلگەن.

G681 لىنىيەسى ئالتاي- قۇم كەنتى تاشيولى. سۈرەتنى شىنجاڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى تەمىنلىگەن

 ئالتاي- قۇم كەنتى تاشيولى تاغلىق رايوندىكى 3- دەرىجىلىك تاشيول، قىسمەن يول بۆلەكلىرى 4- دەرىجىلىك تاشيول ھېسابلىنىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 209.45 كىلومېتىر (X852 ئورتاق لىنىيە بۆلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، شياۋدۇڭگۇ، ئوشئېرىق، چېكىندالا، تۇڭبا، 181- تۇەن چارۋىچىلىق مەيدانىدىن ئۆتۈپ، تورغايت ئارقىلىق قۇمقاناسقا كىرىدۇ، ئەگرى يوللار كۆپ، يول تار، سۇ ۋە يارغا يېقىن يول بۆلەكلىرى كۆپ. ئۆز ھاياتىڭىز ۋە مال- مۈلكىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە نورمال يول يۈرۈش تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلاشقا ئالاقىدار تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىڭ:

 بىرىنچى. يول يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ تىپى

 يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يولۇچىلار ئاپتوموبىلى

 ئىككىنچى. يول يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنىدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ سانى

 ھەر كۈنى 2000 ئاپتوموبىلنىڭ يول يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ

 ئۈچىنچى. يول يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنىدىغان ۋاقىت

 8:30 - 17:00

 تۆتىنچى. رۇخسەت قىلىنىدىغان يول يۈرۈش يۆنىلىشى

 ئالتاي شەھىرىدىن قۇمقاناس مەنزىرە رايونىغا قاراپ تاق يۆنىلىشتە يول يۈرەلەيدۇ

 بەشىنچى. ئەڭ يۇقىرى يول يۈرۈش سۈرئىتى

 ئالتاي- قۇم كەنتى تاشيولىنىڭ پۈتۈن مۇساپىسى تاغلىق رايون يولى بولۇپ، قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە ئەگرى- بۈگرى يوللار كۆپ، تىك بولغاچقا، بەلگىدە كۆرسىتىلگەن ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك.

 ئالتىنچى، دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

 1. كەڭ يولۇچىلار ئالتاي قاتناش قۇرۇلۇشى مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى ئىككى ئۆلچەملىك كودىنى سايىلاپ، ئاستى تەرەپتىكى 【ئالتاي- قۇم كەنتى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش】 ياكى يۈەنشىڭ تورى كىچىك پىروگراممىسىنى چېكىپ ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سايىلاپ ئالتاي- قۇم كەنتى يۆنىلىشى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ئالدىن كېلىشىش بۆلىكىگە كىرىپ، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈپ ئالدىن كېلىشىپ، ئالدىن كېلىشىپ بولغاندىن كېيىن ماڭسا بولىدۇ.

 2. ئالتاي- قۇم كەنتى تاشيولى چېگرا باشقۇرۇش رايونى بولغاچقا، تەكشۈرۈشتە كۆرۈشى ئۈچۈن چېگرا باشقۇرۇش رايونى يول خېتىنى بېجىرىش كېرەك، بولمىسا يول يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. چېگرا باشقۇرۇش رايونى يول خېتىنى بېجىرىشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلى بار:① يول يۈرگۈچىلەر نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايغا يېقىن جايدا چېگرا باشقۇرۇش رايونى يول خېتىنى بېجىرسە بولىدۇ ھەمدە بارىدىغان جايغا «ئالتاي ۋىلايىتى» دېگەن خەتنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك.② يول خېتى بېجىرمەكچى بولغان شىنجاڭ نوپۇسىدىكى خادىملار، ۋېيشىن «شىنجاڭ گۇڭئەن ۋېيشىن ساقچى ئىشلىرى» كىچىك پىروگراممىسىدىكى كۆرسىتىلگەن قەدەم- باسقۇچلار بويىچە، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن (ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ خىزمەت كۈنى) يېقىن ئەتراپتىكى جايغا بېرىپ ئېلىۋالسا بولىدۇ. ③ يول خېتى بېجىرمەكچى بولغانلار ئالتاي شەھەرلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت زالى ياكى لاستى كەنت ئاھالە كومىتېتىغا بېرىپ چېگرا باشقۇرۇش رايونى يول خېتى بېجىرسە بولىدۇ.

 3. قۇمقاناس، قاناس مەنزىرە رايونىغا كىرمەكچى بولسىڭىز، ئالدىن يان تېلېفون ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق قاناس مەنزىرە رايونى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى ياكى يۈەنشىڭ تورى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى ئارقىلىق بېلەت سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

 4. كەڭ شوپۇر ۋە ئاپتوموبىلدىكى خادىملار قاتناش بەلگىسى، بەلگە تاختىسى كۆرسەتمىسى بويىچە تەرتىپلىك يول يۈرۈشى، قاتناش ساقچىسى ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ قوماندانلىقىغا رىئايە قىلىشى كېرەك، خالىغانچە ئاپتوموبىل توختىتىشى مەنئى قىلىنىدۇ، ئاپتوموبىل توختىتىشقا توغرا كەلسە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا توختىتىشى كېرەك.

 5. تاشيول بويلىرى ھەم مەنزىرە رايونلىرىدا دالىدا قونغاندا، قونالغۇدا قونغاندا، ئوت ئىشلىتىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

 سەمىمىي ئەسكەرتىش

 تاغ ئېگىز، يول يىراق، مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋا سوغۇق، ئاپتوموبىلغا قىشلىق چاق ئالماشتۇرۇۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىڭ، ماي (توكنى تولۇق قاچىلاڭ) ھەمدە كىيىم- كېچەكلەرنى كۆپرەك كىيىپ، ئىسسىق ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ، ھەر ئېھتىمالغا قارشى يېتەرلىك يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك سۇ ئېلىۋېلىڭ!

ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغانلار ئالدىن كېلىشىش ئاممىۋى نومۇرى

图片

 پايدىلانغان مەنبە: «ئالتاي نۆل ئارىلىق» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125