9- ئاينىڭ 29- كۈنى، مۇخبىر توقسۇن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىدىن توقسۇن ناھىيەسىنىڭ 10- ئاينىڭ 1- كۈنى شىنجاڭ بىرىنچى لەڭمىنى . توقسۇن لەڭمىنى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئىگىلىدى.
2023- يىللىق توقسۇن ناھىيەسىنىڭ لەڭمەن يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدە خىزمەتچى خادىملار دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ لەڭمەنگە قورۇما سالماقتا. (ماتېرىيال سۈرەت)
2023- يىللىق توقسۇن ناھىيەسىنىڭ لەڭمەن يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدە، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ لەڭمەن كۆرگەزمە قىلىندى. (ماتېرىيال سۈرەت)
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەت توقسۇن ناھىيەسىنىڭ 2024- يىلى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش «مەززىلىك تائاملاردىن ئورتاق ھوزۇرلىنىش . ئىتتىپاقلىق ھېسسىياتىنى ئورتاق سۆزلەش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسى چىڭ تۇتۇلۇپ، مەدەنىيەت- ساياھەت ئەۋزەللىكى جارى قىلدۇرۇلۇپ، مول پائالىيەت ۋە مەدەنىيەت- ساياھەت بايلىقى ۋاسىتە قىلىنىپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى بېيىتىلىدىكەن، مىللەتلەر مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، توقسۇن لەڭمىنى، چىلان كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى، ئىناۋىتى ۋە تەسىر كۈچى ئاشۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئۆيىنىڭ ئالدىدا كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىدىكەن.
2023- يىللىق توقسۇن ناھىيەسىنىڭ لەڭمەن يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدە لەڭمەن ئۇستىسى لەڭمەن سوزماقتا. (ماتېرىيال سۈرەت)
2023- يىللىق توقسۇن ناھىيەسىنىڭ لەڭمەن پائالىيىتىدە ئون نەچچە لەڭمەن ئۇستىسى بىرلا ۋاقىتتا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ لەڭمەن تەييارلىدى. (ماتېرىيال سۈرەت)
2023- يىللىق توقسۇن ناھىيەسىنىڭ لەڭمەن يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدە ئالاھىدە لەڭمەنلەر كۆرگەزمە قىلىندى. (ماتېرىيال سۈرەت)
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە كاتتا باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە «ئالتۇن مېدال لەڭمىنى» چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، نۇرغۇن لەڭمەن ئاشخانىسى نەق مەيداندا مۇسابىقىلىشىپ، «ئالتۇن مېدال توقسۇن لەڭمىنى» دېگەن نام ۋە ئەڭ يۇقىرى بولغان 20 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى تالىشىدىكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە «ئۆزگىچە ئىجادىي لەڭمەن» مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن، ئامما نەق مەيداندا كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئوخشىمايدىغان توقسۇن لەڭمىنىدىن ھوزۇرلىنىدىكەن ۋە تېتىپ باقىدىكەن؛ ھەر نۆۋەتلىك لەڭمەن بايرىمى پائالىيىتىدە، ئەڭ ئېسىل، كەسكىن بولغىنى «ئەڭ تېز لەڭمەن يېيىش شاھى» جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى بولۇپ، بۇ يىل بۇ پائالىيەت داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدۇ، 40 ماھىر تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، بىر مەيداندا تەڭ مىقداردىكى لەڭمەننى كىمنىڭ ئەڭ تېز يەپ بولۇشىدا بەسلىشىدىكەن ھەم ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەن. ھەممىگە مەلۇم، توقسۇن لەڭمىنى ئۆزىنىڭ تىرىك، سىلىق، تەملىك بولۇشى بىلەن ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، لەڭمەن ئېتىش ھۈنىرى شەھەر دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرىگە ئايلانغان. پائالىيەت كۈنى نەق مەيداندا ھەر بىر ئىش تەرتىپىنى ئورۇنلاپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا توقسۇن لەڭمىنى ئېتىش ماھارىتىنى بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىدىكەن.
2023- يىللىق توقسۇن ناھىيەسىنىڭ لەڭمەن يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدە، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئەڭ چوڭ تەخسىلىك توقسۇن لەڭمىنىنى بىللە يېمەكتە. (ماتېرىيال سۈرەت)
2023- يىللىق توقسۇن ناھىيەسىنىڭ لەڭمەن يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدە، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئەڭ چوڭ تەخسىلىك توقسۇن لەڭمىنىنى بىللە يېمەكتە. (ماتېرىيال سۈرەت)
يۇقىرىقى پائالىيەتلەردىن باشقا، پائالىيەت مەزگىلىدە يەنە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي تېما قىلىنغان ئەدەبىيات- سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «زاۋزاۋ» قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، تەڭ تەرەققىي قىلىش. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئارقىلىق ئىقتىسادقا ياردەم بېرىش كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيىتى، لەڭمەن يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ۋە مەخسۇس مەيدان ئەدەبىيات- سەنئەت ئويۇنى، شىنجاڭ ياخشى جاي. 2024- يىللىق شىنجاڭ ئاممىۋى «ئۈچ چوڭ توپ» بىرلەشمە مۇسابىقىسى تۇرپان شەھىرى ۋالىبول مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرمۇ توقسۇن ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
(توقسۇن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى لى جىڭخەي، خۇ گوكەي)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)