سوت مەھكىمىسى: كەچۈرۈم سورىسۇن ھەم تۆلەم تۆلىسۇن!
ئىختىيارىي مۇخبىر ئىزقىران زۇلپىقار سىزغان
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى لى شۈچۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر گۈلبەلەن ۋاڭداسىن
بىر ئەر ۋېيشىندا بىر گۈزەل قىز قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، «ئالاھىدە مۇلازىمەت» بىلەن تەمىنلەشنى باھانە قىلىپ، باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالماقچى بولغان. يېقىندا غۇلجا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى نام- شۆھرەت ھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقى ماجىراسى دېلوسىنى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇردى.
6- ئاينىڭ 23- كۈنى، ۋاڭ x مەلۇم سۇپىدا لى xنىڭ سۈرىتىنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىپ ۋېيشىنىنىڭ باش سۈرىتى قىلىپ، يالغاندىن قىز بالا سىياقىغا كىرىۋېلىپ، ئەتراپتىكى كىشىلەرگە يېقىن دوست بولۇش ئىلتىماسىنى يوللاپ، ناتونۇش ئەرنى قوشۇپ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقان ھەم لى xنىڭ تۇرمۇش سۈرەتلەرنى يوللاپ، «ئالاھىدە مۇلازىمەت» بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، قارشى تەرەپنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالماقچى بولدى، مەقسىتى ئەمەلگە ئاشماي تۇرۇپلا، لى xنىڭ دوستى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغان، لى x بۇنىڭ بىلەن ساقچىغا مەلۇم قىلغان. 7- ئاينىڭ 4- كۈنى ۋاڭ x باشقىلارغا تۆھمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن گۇڭئەن ئورگىنى تەرىپىدىن 7 كۈن مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلغان.
8- ئاينىڭ 16- كۈنى، لى x غۇلجا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاڭ x ئۈستىدىن دەۋا قىلىپ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراشنى ھەمدە روھىي زىيان تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ مۇنداق دەپ قارىدى: ھەق تەلەپ سۇبيېكتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ زىيان سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بۇ دېلودا ۋاڭ x لى xنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلىپ، «ئالاھىدە مۇلازىمەت» بىلەن تەمىنلەش قىلمىشى لى xنىڭ نام- شۆھرىتىنىڭ زىيانغا ئۇچىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، لى xنىڭ نام- شۆھرەت ھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقىغا زىيان سالغان، ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
9- ئاينىڭ 2- كۈنى، غۇلجا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ۋاڭ xنى لى xتىن يازما كەچۈرۈم سوراش ھەمدە لى xكە روھىي زىيان ھەققى ئۈچۈن 10 مىڭ يۈەن تۆلەپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلدى.
قانۇن ماددىلىرى ئۇلانمىسى:
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 1019- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ خۇنۈكلەشتۈرۈش، بۇلغاش ياكى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئويدۇرۇپ چىقىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق باشقىلارنىڭ سۈرەت ھوقۇقىغا زىيان سېلىشقا يول قويۇلمايدۇ. سۈرەت ھوقۇقدارىنىڭ سۈرىتىنى ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ياساش، ئىشلىتىش ۋە ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
سۈرەت ئەسىرىنىڭ ھوقۇقدارى سۈرەت ھوقۇقدارىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ئۇنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلىش، كۆپەيتىش، تارقىتىش، ئىجارىگە بېرىش، كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىشلەتسە ياكى ئاشكارىلىسا بولمايدۇ.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 1024- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەن: ھەق تەلەپ سۇبيېكتلىرى نام- شۆھرەت ھوقۇقىغا ئىگە. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ھاقارەتلەش، تۆھمەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن باشقىلارنىڭ نام-شۆھرەت ھوقۇقىغا زىيان سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. نام- شۆھرەت − ھەق تەلەپ سۇبيېكتىنىڭ ئەخلاق- پەزىلىتى، ئابرۇيى، قابىلىيىتى، ئىناۋىتى قاتارلىقلارغا بېرىلگەن ئىجتىمائىي باھادۇر.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)