گېزىتىمىز ئوبزورچىسى
9- ئاينىڭ 28- كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى يەنە بىر دەرىجىدىن تاشقىرى قۇرۇلۇش − «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4- يولى ئېلېكتىر مەنبەسى تۈرى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدە «ئىش باشلاش بۇرغىسى»نى چالدى. بۇ چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى قوغداش، چېڭدۇ- چۇڭچىڭ قوش شەھەر چەمبىرىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئېنېرگىيە سانائەتنىڭ ئوزۇقى، خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈم دۆلەت مۇھىم ئېنېرگىيە بازىلىرىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش كېرەك.» «<غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش> ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.»«شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4- يولىنى قۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي تەدبىر، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ «يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى پىلانلاپ قۇرۇشنى تېزلىتىش» «ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، ساقلاش، سېتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش» قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ھەقىقىي قانات يايدۇرۇلۇشى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشىدىكى كونكرېت ھەرىكەت.
«شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4- يولى يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش، شۇنداقلا رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم قۇرۇلۇش، مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سىياسىي تەدبىر قۇرۇلۇشى. «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4- يولىنىڭ كۆلىمى، ھەجىمى چوڭ، تىرەكلىك كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچىمۇ زور بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق؛ يېڭىلىق يارىتىش، ئۈلگە كۆرسىتىشنى كۈچەيتىش يېڭى ئېنېرگىيەنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىغا ئىگە؛ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنىڭ سۈرئىتى تېز بولدى، نۆۋەتتە ئىش باشلاش شارائىتىنى ئەڭ تېز ھازىرلىغان «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» چوڭ بازىسى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى سالمىقى ۋە سۈرئىتىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، شىنجاڭنىڭ ياخشى تىجارەت- سودا مۇھىتىنى نامايان قىلدى. بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى قۇرۇلۇش كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەركىزىي رايون قۇرۇلۇشىغا تىرەك بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. جەزمەن سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئىنقىلاب، بىر ھەمكارلىق» ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان قۇرۇلۇش، نادىر قۇرۇلۇش قىلىپ بەرپا قىلىش كېرەك.
«شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4- يولىنى قۇرۇش شىنجاڭنىڭ پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلغانلىقىنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى. كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، شامال، يورۇقلۇق قاتارلىق ئۆزگىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ چوڭ- چوڭ ئېنېرگىيە تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقى ساھەسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پەن- تېخنىكا كۈچىنى بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە بايلىقىدىن ئىبارەت بۇ شىنجاڭنىڭ ئەڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق قويۇپ بەردى. نېفىت- تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتى ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا مۇقىم تۇردى، «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» مىقدارى 100 مىليون توننىدىن ئاشتى، يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى... شىنجاڭ زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى تىرەكلىك كۈچى ۋە تۆھپە قوشۇش كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.
شىنجاڭنىڭ يېشىل توكى مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، سىچۇەن چۇڭچىڭدىكى ئونمىڭلىغان ئائىلىنىڭ چىرىغىنى يورۇتتى. «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3- يولى، 4- يولىدا ئۇدا يىلمۇيىل قۇرۇلۇش قىلىندى، بۇنىڭدا گەۋدىلەندۈرۈلگىنى شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، نامايان قىلىنغىنى شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان رېئال تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بولدى. چوڭ- چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا قۇرۇلۇپ پۈتۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ چوقۇم دۆلەت يۈكلىگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى ۋە مەسئۇلىيەت، بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىدۇ.