چاي ئاممۇنىي كىسلاتاسى ئىچىملىكى «ئۇيقۇنى ياخشىلايدىغان خاسىيەتلىك سۇ» ئەمەس
16:18:27 2024-09-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يېقىندا تەركىبىدە چاي ئاممۇنىي كىسلاتاسى بولغان بىر خىل تەنھەرىكەتچىلەر ئىچىملىكىنى بەزى تورداشلار «ئۇيقۇنى ياخشىلايدىغان خاسىيەتلىك سۇ» دەپ ئاتاپ، «بىر بوتۇلكا ئىچسىڭىز 12 سائەت ھېچنېمىنى تۇيماي ئۇخلاپ كېتىسىز»، «ئىككى يۇتۇم ئىچسىڭىز مۈگدەك بېسىپ بولالماي قالىسىز»، دېيىشتى.

ئۇنداقتا، چاي ئاممۇنىي كىسلاتاسى دېگەن نېمە؟ بۇنداق ئىچىملىك راستتىنلا «ئۇيقۇنى ياخشىلايدىغان خاسىيەتلىك دورا»مۇ؟ كىشىلەر قانداق قىلسا بىر كېچە قانغۇدەك ئۇخلىيالايدۇ؟ پەن- تېخنىكا گېزىتى مۇخبىرى بۇ ھەقتە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلدى.

«چاي تەركىبىدىكى ئاممۇنىي كىسلاتاسى چايدىكى ئالاھىدە بىرخىل ئاممۇنىي كىسلاتاسى بولۇپ، چاينىڭ قىرتاق تەمىنى تىزگىنلەيدۇ». رىجاۋ شەھەرلىك چاي ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى دۈەن يۇڭچۇن مۇخبىرغا ئەتىيازلىق چايدىكى ئاممۇنىي كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئادەتتە ئەتىيازلىق چاينىڭ باشقا پەسىللەردە يىغىۋېلىنغان چايلارغا قارىغاندا ئىچىشلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.

«بەزى تەتقىقاتلاردا، چاي ئاممۇنىي كىسلاتاسىنىڭ ھەقىقەتەن تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى». دۈەن يۇڭچۇن مۇنداق دېدى: قىسمەن تورداشلارنىڭ «بىر بوتۇلكا ئىچسىڭىز 12 سائەت ھېچنېمىنى تۇيماي ئۇخلاپ كېتىسىز» دېگەن بايانىدا مۇبالىغە قىلىنغان تەركىبلەر بار.

بىر قىسىم چەت ئەل ئالىملىرى چاي ئاممۇنىي كىسلاتاسىنى كىلىنىكىلىق داۋالاشتا ئىشلىتىپ سىناپ باقماقچى بولغان ھەم ئالاقىدار سىناقلارنى قىلغان. ئۇلار ئۇدا ئالتە ھەپتە دىققىتىنى يىغالمايدىغان ۋە جىم تۇرالمايدىغان ئاغرىقلارغا ھەر كۈنى ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 200 مىللىگىرام چاي ئاممۇنىي كىسلاتاسى ئىچكۈزۈپ، بۇنداق ئۇسۇلنىڭ سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلغان. تەجرىبە نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتى گەرچە ياخشىلانغان بولسىمۇ، لېكىن ياخشىلىنىش دەرىجىسى بىر قەدەر چەكلىك بولغان.

400 مىللىگىرام چاي ئاممۇنىي كىسلاتاسى قانچىلىك كېلىدۇ؟ «ئۇيقۇنى ياخشىلايدىغان خاسىيەتلىك سۇ» دەپ ئاتالغان تەنھەرىكەتچىلەر ئىچىملىكىنىڭ سىرتقى ئورالمىسىغا «ھەر بىر بوتۇلكىغا ئۈچ مىللىگىرام ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ چاي ئاممۇنىي كىسلاتاسى قوشۇلغان» دەپ ئەسكەرتىلگەن. ئەگەر ھەر بىر بوتۇلكىدا ئۈچ مىللىگرام چاي ئاممۇنىي كىسلاتاسى بار دەپ ھېسابلىغاندا، ئەگەر بىر كۈندە 400 مىللىگرام چاي ئاممۇنىي كىسلاتاسىنىڭ تەجرىبە مىقدارىغا يەتمەكچى بولساق، بىر كۈندە تەخمىنەن 133 بوتۇلكا ئىچىملىك ئىچىشكە توغرا كېلىدۇ.

«بۇ ئېنىقلا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، بىز دورا مىقدارىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئۈنۈمى ياكى زەھىرى توغرىسىدا توختالمىساق بولمايدۇ». دۇەن يۇڭچۇن مۇنداق دېدى: شۇنچە كۆپ بوتۇلكا ئىچىملىكنى ئىچىپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇيقۇغا ياردەم بېرىش ئۈنۈمىدە ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت.

ئۇيقۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى- يامان بولۇشى بىر ئادەمنىڭ روھىي ھالىتى ۋە تەن ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھازىر نۇرغۇن كىشى ئۇيقۇسىزلىق، بالدۇر ئويغىنىش قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، تۇرمۇش سۈپىتى تەسىرگە ئۇچرىدى. بۇمۇ «ئۇيقۇغا ياردەم بېرىش»، «كۈتۈنۈش» نامىدىكى بەزى تاۋارلارنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا ئالقىشقا ئېرىشىشىنىڭ سەۋەبى.

ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇيقۇغا ئېرىشكىلى بولىدۇ؟

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيقۇسىزلىققا گىرىپتار بولغانلار كوففېئىندىن يىراق تۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

كوففېئىن مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولغان يېمەكلىكلەر، ئاساسلىقى، ئىچىملىكلەردە، مەسىلەن، قەھۋە، ئەتكەن چاي، ئېنېرگىيەلىك ئىچىملىك قاتارلىقلاردا كۆرۈلىدۇ. تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، چاي تەركىبىدىكى كوففېئىننىڭ مىقدارى ئادەتتە چاي ئاممۇنىي كىسلاتاسىدىن يۇقىرى بولىدۇ، بۇ، چاي ئىچكەندە روھنى ئۇرغۇتىدىغان، ئۇيقۇغا ياردەم بەرمەيدىغان ئاساسلىق سەۋەب.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياخشى ئۇخلاش ئادىتىنى ساقلاشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئۇيقۇ مۇتەخەسسىسلىرى قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئەڭ ياخشىسى كەچ سائەت 11دىن ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 7گىچە ئۇخلاش تەكلىپىنى بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا، دائىم كارىۋاتتا يېتىۋېلىپ ئۇيقۇ بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى، مەسىلەن، يان تېلېفون ئويناش قاتارلىق ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەك. ئۇيقۇسىزلىققا گىرىپتار بولغانلار ئامال بار كېچىدە ياخشى ئۇخلىيالماسلىق ياكى يېتەرلىك ئۇخلىيالماسلىق سەۋەبىدىن كۈندۈزى زىيادە ئۇخلىماسلىقى، كۈندۈزى ئاپتاپ سۇنۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىشى، ئۆي ئىچىدە ئامال بار دېرىزە پەردىسىنى ئېچىپ، تەبىئىي نۇردىن ھۇزۇرلىنىشى، سىرتتىكى پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتنىشىشى كېرەك. (پىراكتىكانت مۇخبىر يۈ زىيۆ)

پايدىلانغان مەنبە: ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125