ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى يول تورىنى كۆزىتىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىنىڭ بايراملىق ھاۋارايى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 9- ئاينىڭ 29- كۈنى، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە مۇلازىمەت مەركىزى شىنجاڭدىكى تاشيوللارنىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكى ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات ئېلان قىلغان. مۆلچەرلىنىشىچە، 2024- يىللىق دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە (10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە) پۈتۈن شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم تاشيول بويلىرىدا ھاۋا بىر قەدەر ياخشى، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولۇپ، ساياھەتكە چىقىشقا ماس كېلىدىكەن.
ئالدىن مەلۇماتتا دېيىلىشىچە، 10- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن 5- كۈنىگىچە بىر قېتىملىق ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، تىيانشان تېغىنىڭ تاغلىق رايونى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قىسمەن تاشيول بويلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇرھال يامغۇر يېغىپ قاتتىق يامغۇرغا ئۆزگىرىدىكەن ياكى قار ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلاردىكى قار- يامغۇرلۇق ھاۋارايىنىڭ تاشيول قاتنىشىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىش كېرەككەن.
مۆلچەرلىنىشىچە، 10- ئاينىڭ 1- كۈنى كۈندۈزدىن 2- كۈنىگىچە، G3015 لىنىيەسىنىڭ دۆربىلجىندىن تيېچاڭگوۋغىچە بولغان بۆلىكى، S201 لىنىيەسىنىڭ مايتاس شامال رايونى، G335 لىنىيەسى، S319 لىنىيەسى ۋە S229 لىنىيەسىنىڭ ئالتاي نوقاي شامال رايونى بۆلىكى، G30 لىنىيەسىنىڭ خىمىيەۋى ئوغۇت زاۋۇتى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن سەيۋوپۇ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىگىچە، S116 لىنىيەسىنىڭ 3 كىلومېتىرلىق جايىدىكى بۆلىدىكىدىن 15 كىلومېتىرلىق جايىغىچە بولغان بۆلىكىدە 7 بال ئەتراپىدا توختاپ- توختاپ قىيپاش شەرق بورىنى چىقىدىكەن، ئۆتكۈنچى بوران 9 - 10 بالغا يېتىدىكەن.
پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھۆل- يېغىن مىقدارىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش خەرىتىسى. سۈرەتنى مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تەمىنلىگەن
10- ئاينىڭ 3- كۈنى كۈندۈزدىن 5- كۈنىگىچە كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن تاشيول بويلىرىدا سىم- سىم يامغۇر يېغىپ ئازراق يامغۇرغا ئۆزگىرىدىكەن (دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1500 مېتىردىن ئاشىدىغان تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدىكەن)، بۇنىڭ ئىچىدە، G218 لىنىيەسىنىڭ غۇلجىدىن بالغۇنتايغىچە بولغان بۆلىكى، G3015 لىنىيەسىنىڭ تارباغاتايدىن دۆربىلجىنگىچە بولغان بۆلىكىگىچە، مايتاغ- كۇچا تاشيولىنىڭ چورمادىن چوڭ كۆل- كىچىك كۆلگىچە بولغان بۆلىكى، غۇلجا- موڭغۇلكۈرە تاشيولى، S101 لىنىيەسى، G216 لىنىيەسىنىڭ ئالتايدىن كۆكتوقايغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلاردا، خوۋشيادىن بالغۇنتايغىچە بولغان بۆلىكىدە، G7 لىنىيەسىنىڭ فۇكاڭدىن گۇچۇڭغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلاردا، G312 ،G30 لىنىيەسىنىڭ لياۋدۇندىن قومۇلغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلاردا غەربتىن شەرققە قاراپ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئوتتۇراھال يامغۇر يېغىپ قاتتىق يامغۇرغا ئۆزگىرىدىكەن ياكى قار ياغىدىكەن.
يۇقىرىقى كۆپ قىسىم تاشيول بويلىرىدا 5 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، G3015 لىنىيەسىنىڭ دۆربىلجىندىن تيېچاڭگوۋغىچە بولغان بۆلىكى، S201 لىنىيەسىنىڭ مايتاس شامال رايونى، S221 لىنىيەسىنىڭ تولىدىكى سارغۇسۇن بۆلىكىدە، S319 ۋە S229 لىنىيەسىنىڭ ئالتاي نوقاي شامال رايونى بۆلىكىدە، G314 لىنىيەسىنىڭ توقسۇندىن يۈئېرگوۋغىچە بولغان بۆلىكى، G312 ،G30 لىنىيەسىنىڭ داۋانچىڭدىن داخېيەنگىچە بولغان بۆلىكى (30 چاقىرىملىق شامال رايونى)، چىقتىمدىن لياۋدۇنگىچە بولغان بۆلىكى (100 چاقىرىملىق شامال رايونى) قاتارلىق لىنىيەلەردە 8- 9 بال غەربىي شىمال بورىنى، 10- 11 بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن.
10- ئاينىڭ 5- كۈنى كۈندۈزدىن 6- كۈنىگىچە، G314 لىنىيەسىنىڭ مارالبېشىدىن ئويتاغقىچە بولغان بۆلىكى، G315 لىنىيەسىنىڭ قەشقەردىن خۇڭليۇگوۋغىچە بولغان بۆلىكى، G218 لىنىيەسىنىڭ لوپنۇردىن چاقىلىققىچە بولغان بۆلىكىدە 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، ئۆتكۈنچى بوران 7- 8 بالغا يېتىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا قۇم توزۇيدىكەن ياكى قۇم بوران چىقىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، 10- ئاينىڭ 5- كۈنى سەھەردە، شىمالىي شىنجاڭدىكى ئالتاي، تارباغاتاينىڭ شىمالىي قىسمى، تىيانشان تېغى تاغلىق رايونى، ئالتاينىڭ شىمالىدىكى قىسمىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق جايلاردا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 0 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەنلەپ، قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە مۇز تۇتۇپ كېتىدىكەن.
دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ باشقا ۋاقىتلىرىدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى تاشيول بويلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن، قاتناش شارائىتى ياخشى بولىدىكەن.
شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە مۇلازىمەت مەركىزى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: 10- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن 5- كۈنىگىچە، مايتاغ- كۇچا تاشيولىنىڭ چورمادىن چوڭ كۆل- كىچىك كۆلگىچە بولغان بۆلىكى، غۇلجا- موڭغۇلكۈرە تاشيولى، S101 لىنىيەسى قاتارلىق تاشيوللارنىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىدە ئوتتۇراھال يامغۇر يېغىپ قاتتىق يامغۇرغا ئۆزگىرىدۇ ياكى قار ياغىدۇ، قار يىغىلىپ ياكى يوللار مۇز تۇتۇپ، يوللار تېيىلغاق بولۇپ كېتىدۇ، قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە مۇز تۇتۇپ كېتىدۇ ۋە كۆرۈش ئارىلىقى قىسقا بولىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار يولدىكى قار تازىلاش ۋە مۇز تازىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە دىققەت قىلىشى كېرەك.
دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، مايتاس شامال رايونى، سارغۇسۇن، 30 چاقىرىملىق شامال رايونى، 100 چاقىرىملىق شامال رايونى قاتارلىق يول بويلىرىدا توختاپ- توختاپ بوران چىقىدىكەن، شامال رايونلىرىدىكى يول بۆلەكلىرىدە بورانلىق ھاۋارايىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە دىققەت قىلىش كېرەككەن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)