ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ) 9- ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: دەم ئېلىش مەزگىلىدە كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشى كۆپ، ھاۋا تېمپېراتۇرا پەرقى زور بولىدۇ، ئامما ئۆيدە ياكى سىرتقا چىققاندا، جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسىلى ۋە ۋىرۇسلۇق ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.
جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسىلى تارقىلىشچان زۇكام، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش، سۇ چېچىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تارقىلىشچان زۇكامنىڭ قوزغىلىشى جىددىي بولۇپ، قىزىش (قىسمەن ئاغرىقلاردا 39 سېلسىيە گىرادۇستىن 40 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولغان يۇقىرى قىزىتما كۆرۈلىدۇ)، سوغۇقتىن قورقۇش، باش ئاغرىش، مۇسكۇل، بوغۇملار تېلىپ ئاغرىش، قاتتىق ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق پۈتۈن بەدەنلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، دائىم يۇتقۇنچاق ئاغرىش، يۆتىلىش ئەگىشىپ كېلىدۇ؛ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغاندا قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر بىللە بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، ماڭقا ئېقىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، پۇراش سېزىمى ۋە تەم سېزىمى ئاجىزلاش ياكى يوقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغانلىرى جىددىي نەپەس قىيىنلىشىش يىغىندى ئالامىتى ياكى يىرىڭدىن زەھەرلىنىش كېسىلى بىلەن شوك بولۇپ قالىدۇ؛ سۇ چېچىكى بولۇپ قالغاندا تېرە، شىللىق پەردىلەردە تۈركۈمگە بۆلۈپ ئەسۋە، دۆڭچە ئەسۋە، قاپارتما ۋە قاقاچ تۇتۇش، قىزىش، قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
«ۋاكسىنا ئەملىتىش تارقىلىشچان زۇكام، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى، سۇ چېچىكى ۋە ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىدۇ». ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش ئورنىنىڭ مۇدىرى فۇرقەت ھوشۇر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، يەنە دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، قولنى پات- پات يۇيۇش، مۇھىتنىڭ پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، يۆتەلگەندە ئەھمىيەت بېرىدىغان قائىدىلەرگە دىققەت قىلىش، ئامال بار ئادەم توپلاشقان ئاممىۋى سورۇنلارغا بارماسلىق كېرەك. ئىشلەش ۋە دەم ئېلىش قانۇنىيەتلىك بولۇش، يېتەرلىك ئۇخلاش، مۇۋاپىق غىزالىنىش، ھەرىكەتنى كۈچەيتىش، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
ھاۋانىڭ تەدرىجىي سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، چاقسىمان ۋىرۇس، نورو ۋىرۇسى قاتارلىق ۋىرۇسلۇق ئىچ سۈرۈش پەيدا بولىدۇ. چاقسىمان ۋىرۇس كۈز پەسلىدىكى ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ، ئاساسلىقى گەندە- ئېغىز يولى ئارقىلىق تارقىلىدۇ. يوشۇرۇن مەزگىلى ئادەتتە 1- 3 كۈن بولۇپ، يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قىزىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، كېيىنكى مەزگىلدە ئىچى سۈرىدۇ، ھەر كۈنى 10 قېتىم ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. ئېغىر بولغاندا سۇسىزلىنىش ۋە ئېلېكتىرولىت قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ بوۋاقلار ۋە ياشانغانلاردا تېخىمۇ خەتەرلىك بولىدۇ.
«چاقسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئۆزىنى چەكلەش خاراكتېرلىك بولۇپ، كۆپ ساندىكى ئاغرىقلار بىر ھەپتە ئەتراپىدا تەبىئىي ئەسلىگە كېلىدۇ». فۇرقەت ھوشۇرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قول- پۇت ۋە ئېغىزغا ئەسۋە چىقىش كېسىلىدە قىزىش ۋە قول، پۇت، ئېغىز بوشلۇقىغا ئەسۋە چىقىش ياكى قاپارتما چىقىش ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى ئىكەن. ئاغرىق ۋە يوشۇرۇن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۇ كېسەلنىڭ يۇقۇش مەنبەسى ئىكەن. قول- پۇت ۋە ئېغىزغا ئەسۋە چىقىش كېسىلى ئاشقازان- ئۈچەي يولى، نەپەس يولى ۋە ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدىكەن. كىشىلەر توپى ئومۇميۈزلۈك ئاسان يۇقۇملىنىدىكەن. ئامما چاقسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ۋە EV -A71 ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىش ئارقىلىق ئالدىنى ئالسا بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، قولنى پات- پات يۇيۇپ تۇرۇش، ئائىلە تازىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەككەن. ئائىلە باشلىقى بالىلىرىنى دائىم سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ھەرىكەت قىلدۇرۇپ، تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەككەن. ئەگەر يېنىدا ياكى يەسلىدە كىچىك دوستلارنىڭ قول- پۇت ۋە ئېغىزغا ئەسۋە چىقىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى بايقالسا، ئۇلارغا ئايرىپ داۋالىتىش، بالىلارنى ئادەم زىچ ئاممىۋى سورۇنلارغا ئېلىپ بېرىشتىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتىش كېرەككەن.
فۇرقەت ھوشۇر مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە سەپەرگە چىققاندا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ، سەپەرگە چىقىش پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، سەپەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؛ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتقا دىققەت قىلىپ تۇرۇپ، كىيىمنى ۋاقتىدا كۆپەيتىش ۋە ئازايتىش كېرەك؛ شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىپ، قولنى پات- پات يۇيۇپ، ماسكىنى توغرا تاقاپ، ئۆز ساغلاملىقىنى ياخشى كۆزىتىش كېرەك؛ يېمەك- ئىچمەك تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، تولۇق پىشمىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، تۇرۇبا سۈيىنى بىۋاسىتە ئىچمەسلىك، ياۋا موگۇ ۋە ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈزۈپ يېمەسلىك كېرەك. سىرتقا چىقىپ تاماق يېگەندە، ئىمكانقەدەر ئايرىم تاماق يېيىش، ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق ئىشلىتىش كېرەك. دالىدا ئوينىغاندا پاشىدىن، ھاشاراتتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش، مەسىلەن، چۇما، تارقىلىشچان گېمورراگىك قىزىتما ۋىرۇسى قاتارلىق تەبىئىي يۇقۇم مەنبەلىرى بار جايغا بارغاندا، يۇقۇم مەنبەسى بار ھايۋانلار ھەم بۇيۇملار بىلەن ئۇچراشماسلىق كېرەك. ياۋايى ھايۋانلار، لالما مۈشۈك، ئىتلار بىلەن ئۇچراشماسلىق، چىشلىۋالغان ھامان يارا ئېغىزىنى تېزدىن تازىلاش، تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈش ھەمدە غالجىر ئىت ۋاكسىنىسى ئەملىتىش كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)