ئاپتونوم رايوننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھەم يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى
21:33:29 2024-09-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شەۋكەت ئىمىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي)  9- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھەم يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەمەلىيەت مۇساپىسى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدا دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىنغاندىن بۇيانقى خىزمەتلەر خۇلاسىلەندى، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشى يۈرۈشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى شەۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا، زۇمرەت ئوبۇل، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يۈن شۇشيا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نىياز ھاشىم، شىخەنزە شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇاڭ خەي، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باتۇرشاھ ئىلپاتشاھ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جاڭ شىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى گۈلبوستان ئوسمان پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

 كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى سىستېمىلىق خۇلاسىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشى يۈرۈشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكى، «سەككىزدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش»نىڭ ئەمەلىيەت تەلىپى، يېڭى مۇساپىدىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ بۇرچ، ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشىمىز كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: 70 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەردىكى مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەرگە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇپ تەڭداشسىز رولىنى جارى قىلدۇردى. ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن شىنجاڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشقان پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلاردىن، ھەر نۆۋەتلىك، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر، خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىدىكى خىزمەتچى خادىملاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم قوللانما قىلىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، پائال تۈردە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مۇقەددەس مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىشى كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ تاكامۇللاشقان پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، دۆلەت قانۇن- تۈزۈمىنىڭ بىرلىكى، قانۇننىڭ ئىززەت- ھۆرمىتى ۋە نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنى ئۇلۇغلاپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىجرا قىلىپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت تايانچ بولىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر قاتنىشىدىغان نىزام چىقىرىش خىزمەت ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەر، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەر، چەتكە ئالاقىدار ساھەلەرگە دائىر نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەشنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ياخشى ئىشلىتىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى، «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە»نىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوت، نەق چوتنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش ۋە دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش، ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىپ، يەرلىك ۋە تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق رايىنى قوبۇل قىلىش، خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتىكى ئاكتىپ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى ياخشى كۆۋرۈك بولۇشى كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى خىزمەت پۈتۈن ۋەزىيىتىگە كىرگۈزۈپ، مۇھىم مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن بويىچە خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، «تۆت ئورگان»تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، قانۇنچىللىقنى ئۇلۇغلايدىغان، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرىدىغان، مەسئۇلىيىتىنى تىرىشىپ تولۇق ئادا قىلىدىغان خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

 زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ۋە تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ باشتىن- ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىشقا تىرەك بولۇش، نازارەتچىلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش، ۋەكىللەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت فۇنكسىيەسى، رولى ۋە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «تۆت ئورگان» ئورۇن بېكىتمىسى تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى ھېكايىسى، شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 چېن ۋېيجۈن، چېن مىڭگو، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەھبىرىي يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن قىسمەن پېشقەدەم يولداشلار؛ ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى ۋە دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى خىزمەت كومىتېتلىرىدىكى ئالاقىدار خادىملار، ھەرقايسى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەر، قىسمەن ناھىيەلىك، شەھەرلىك، رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125