قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر مەقسەتتە دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەيلى
22:13:25 2024-10-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

 شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى

9- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىلارنى رەتلىمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

9- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى 9- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە مۇراسىمغا قاتناشتى.

 ھەيۋەتلىك تيەنئەنمېن مەيدانىدا، ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق جەۋلان قىلىپ تۇراتتى. مەيدان مەركىزىگە قويۇلغان «ۋەتەنگە بەخت تىلەيمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان غايەت زور گۈل سېۋىتى ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا بولغان گۈزەل تىلەكنى ئىپادىلەپ تۇراتتى. ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى ئىككى گۇرۇپپا گۈللۈكتە ئاق جۇخارگۈلى قاتارلىق گۈللەردىن ياسالغان 18 گۈل چەمبىرەككە بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ  قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان چوڭقۇر ياد ئېتىشى مۇجەسسەملەنگەنىدى.

 سائەت 10غا يېقىن، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. 

 خاتىرە مۇنارى ئالدىدا، 2400دىن ئارتۇق ھەر ساھە ۋەكىل قولىدا گۈل تۇتۇپ، رەتكە تىزىلىپ سۈكۈتتە تۇردى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشىنىپ قالغان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار بار، مەيدىسىگە قىزىل لېنتا تاقىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى بار، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى بار، تەقدىرلەنگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى بار، غەيرەت- شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۆسمۈرلەر، بالىلار بار.

 جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي ئوركېستىرىنىڭ كانايچىلىرى «ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنى بۇرغىسى»نى چالدى. ۋەزنىلىك ۋە ياڭراق كاناي ئاۋازى كىشىلەرنىڭ ئەسلىمىلىرىنى داۋالغۇپ تۇرغان تارىخىي يىللارغا قايتۇرۇپ كەلدى.

 «ھۆرمەت قاراۋۇللىرى تەييارلىنىڭلار!» دېگەن بۇيرۇق بېرىلىشى بىلەن، ئۈچ ئارمىيەنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى مەردانە، مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، ھۆرمەت قەدىمى بىلەن خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، مىلتىقلىرىنى تۇتۇپ تىك تۇردى.

 دەل سائەت 10دا، خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. ھەربىي ئوركېستىر «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇنلىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى بىرلىكتە ئۈنلۈك ئېيتتى.

 دۆلەت شېئىرى ئېيتىلىپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر سۈكۈتتە تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ۋە جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن قەھرىمانلارچە ئۆزىنى بېغىشلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

 سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، گۈل تۇتقان ئۆسمۈر- بالىلار خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ «بىز كوممۇنىزم ئىزباسارلىرى»نى ئۈنلۈك ئېيتتى ھەم پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت سالىمىنى بەردى. 

 چاسا سەپنىڭ ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر ساھە ئامما، پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ نامىدا تەقدىم قىلىنغان توققۇز چوڭ گۈل سېۋىتى قاتار تىزىلغانىدى، گۈل سېۋەتلىرىنىڭ قىزىل لېنتىسىغا يېزىلغان «خەلق قەھرىمانلىرى مەڭگۈ ھايات» دېگەن خەتلەر ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.

 ھەربىي ئوركېستىر چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان «گۈل تەقدىم قىلىش مۇزىكىسى»نى ئورۇنلىدى، 18 ھۆرمەت قاراۋۇلى گۈل سېۋەتلىرىنى سالماق كۆتۈرۈپ، ئاستا قەدەملەر بىلەن خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا قاراپ مېڭىپ، گۈل سېۋەتلىرىنى خاتىرە مۇنارى ئۇل تەكچىسىگە قويدى.

 شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى خاتىرە مۇنارى ئۇل تەكچىسىگە چىقىپ، گۈل سېۋىتى ئالدىدا توختاپ، زەن قويۇپ قارىدى. ئوتقاشتەك خۇڭجاڭ گۈلى، پورەكلەپ ئېچىلغان بەيخې گۈلى، چىرايلىق ۋېنشىنلەن گۈلىگە خەلق قەھرىمانلىرىغا بولغان چەكسىز سېغىنىش ۋە ئالىي ئېھتىرام مۇجەسسەملەنگەنىدى. 

 شى جىنپىڭ ئالدىغا بېرىپ، گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىلارنى كۆڭۈل قويۇپ رەتلىدى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئاستا قەدەم بىلەن ئايلىنىپ مېڭىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا ھۆرمەت بىلدۈردى.

 پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېپيېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقى قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جاسارەت بىلەن دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلماقتا.

 ئۆسمۈر- بالىلار ۋە ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرىمۇ رەت بويىچە خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قولىدىكى گۈلنى تەقدىم قىلدى ھەم خاتىرە مۇنارىغا ھۆرمەت بىلدۈردى.

 گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يىن لى رىياسەتچىلىك قىلدى.

 بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى مۇراسىمغا قاتناشتى.

 مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، تۆھپە شەرىپىگە ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125