ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 19- سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2012- يىلى 11- ئايدىن 2024- يىلى 5- ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىنىڭ تاللانغان قىسمى.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: ۋەتەننى سۆيۈش ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات. ۋەتەنپەرۋەرلىك جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ يادروسى بولۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنى ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ كەلدى. 5000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ سانسىزلىغان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز خەۋپ- خەتەر ۋە سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، باشتىن- ئاخىر تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچنى ساقلاپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ چوڭقۇر، ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىك جۇڭگو خەلقىنى مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى قوغداش، تارىخ دولقۇنىدا باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، جۇڭخۇا مىللىتىدىن ئىبارەت بۇ پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك موتور، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنى تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان تارىخىي ئۇلۇغ كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق جاپا- مۇشەققەت، خەۋپ- خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىشكە يېتەكلەيدىغان سەلتەنەتلىك بايراق.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ۋەتەنپەرۋەرلىك كونكرېت، ئەمەلىي بولىدۇ. ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگودا ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا، جەزمەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، قەتئىي تەۋرەنمەسلىك كېرەك؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگو خەلقى بەرپا قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، قەتئىي تەۋرەنمەسلىك كېرەك؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، دۆلەت تەرەققىياتىنى مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئاشۇرىدىغان زور سىياسەت- فاڭجېندا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، قەتئىي تەۋرەنمەسلىك كېرەك. ۋەتەننى سۆيۈش بىلەن پارتىيەنى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرغاندىلا، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاندىن جانلىق، ھەقىقىي بولىدۇ، بۇ، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگو ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ ئەڭ مۇھىم نامايەندىسى.
ماقالىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا، جەزمەن ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى مەڭگۈلۈك باش تېما قىلىش، جەزمەن ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن سوتسىيالىزمنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، جەزمەن مەۋقەنى مىللەتكە قويۇش ھەم دۇنياغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆسمۈرلەر، بالىلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى ئۆسمۈرلەر، بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز غايىسىنى ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى بىلەن، ئۆز تەقدىرىنى مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلاشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش، ئوقۇغۇچىلارنى توغرا بولغان تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، دۆلەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش ئېڭى ۋە ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، مىللەتنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىققا يېتەكلەش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: دەۋر مەيلى قانداق تەرەققىي قىلسۇن، بىز ھەممە بىر مەقسەتتە بولىدىغان، بىر ياقىدىن باش چىقىرىدىغان مىللەت كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە، سوتسىيالىستىك جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى، ھېچقانداق كۈچ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئورنىنى تەۋرىتەلمەيدۇ، ھېچقانداق كۈچ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ. ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان، جاپا- مۇشەققەت ۋە خەۋپ-خەتەردىن قورقمايدىغان، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، دادىللىق بىلەن غەلىبە قىلىدىغان روھقا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلققە زىچ تايىنىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.