شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەر خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى
22:33:02 2024-10-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

 

9- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى


   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 9- ئاينىڭ 30- كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ 11- قېتىملىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتارلىق ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىپ، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسىنى چوڭقۇر ياد ئەتتى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئالىيجاناب روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 ئابىدە مەڭگۈلۈك بولۇپ، ئۇلۇغۋار توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ. روھ ئۆچمەس بولۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىگە ئىلھام بېرىدۇ. ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىك خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز زاتلار، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئامما، پىيونېرلارنىڭ نامىدا تەقدىم قىلىنغان توققۇز گۈل سېۋىتى قاتار تىزىلغانىدى. ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ۋەكىللەر رەتلىك سەپ تۈزۈپ تۇردى.

 سائەت 11 دە، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى باشلاندى. جاڭ جۇ رىياسەتچىلىك قىلدى.

 جاراڭلىق، جۇشقۇن «پىدائىيلار مارشى» ياڭرىشى بىلەن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر بىرلىكتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى. 

 دۆلەت شېئىرى ئېيتىلىپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر سۈكۈتتە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئازادلىقى ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا باتۇرلارچە ئۆزىنى بېغىشلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغداش ئۈچۈن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە باتۇرلارچە ئۆزىنى بېغىشلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

 سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەر مىللەت ئۆسمۈر- بالىلار «بىز كوممۇنىزم ئىزباسارلىرى»نى ئۈنلۈك ئېيتتى ھەم پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت سالىمىنى بەردى. 

 ئارقىدىن، چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان «گۈل تەقدىم قىلىش مۇزىكىسى»غا ئەگىشىپ، 18 ھۆرمەت قاراۋۇلى گۈل سېۋەتلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئاستا قەدەملەر بىلەن خاتىرە مۇنارىغا قاراپ مېڭىپ، گۈل سېۋەتلىرىنى خاتىرە مۇنارى ئۇل تەكچىسىگە قويدى. 

 ما شىڭرۇي قاتارلىقلار پەلەمپەينى بويلاپ خاتىرە مۇنارى ئۇل تەكچىسىگە چىقىپ، گۈل سېۋىتى ئالدىدا توختاپ، زەن قويۇپ قارىدى، گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىلارنى ئەستايىدىل رەتلىدى. لېنتىلارغا يېزىلغان «خەلق قەھرىمانلىرى مەڭگۈ ھايات» دېگەن ئالتۇن رەڭلىك چوڭ خەتلەرگە تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ خەلق قەھرىمانلىرىغا بولغان ئالىي ئېھتىرامى مۇجەسسەملەنگەنىدى. ئارقىدىن، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى ئاستا قەدەم بىلەن ئايلىنىپ مېڭىپ، چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن خاتىرە مۇنارىغا ھۆرمەت نەزەرى بىلەن قارىدى.

 مۇراسىمغا قاتناشقان ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇنداق بىلدۈردى: بۇرچ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا چاقىرىدۇ، ئەسلىي مەقسەت كەلگۈسىنى يورۇتىدۇ. يېڭى مۇساپىدە، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەنىۋى تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز. 

 ياڭ چېڭ، چېن ۋېيجۈن، چېن مىڭگو، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125