ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى
22:40:37 2024-10-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىم تەمىناتىنى ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

 ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 9- ئاينىڭ 29- كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەتنىڭ 2023- يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈش- باھالاشتا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «2024- يىللىق ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت (مەمۇرىي مەھكىمە)لەرنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەمەلىي نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈش (نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش بويىچە تەكشۈرۈش- باھالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2025- يىللىق ئاشلىق- ياغلىقدان ئىشلەپچىقىرىش نىشان- ۋەزىپىسى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چۆرىدەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىم تەمىناتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. دىققەتنى پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈزلۈك ئاشلىق يىغىۋېلىش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، كېلەر يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش نىشان- ۋەزىپىسىنى ئىلمىي پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاشلىقنى يىغىپ ساقلاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىقچى دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شورلۇق يەرلەرنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ تېرىلغۇ يەرنى كۆپەيتىش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېرەك. سۇ بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى سۈپىتىدە پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاشلىق- ياغلىق دان، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، يېشىل، ئورگانىك مېۋە- كۆكتات، ئەلا سۈپەتلىك چارۋا مەھسۇلاتلىرى كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كارخانا، گۇرۇھلارنى يېتىشتۈرۈپ، زورايتىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىش، قىممەت زەنجىرىنى يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ مۇقىم بولغان مەنپەئەتنى چېتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ھەر مىللەت دېھقان- چارۋىچىلارنى كەسىپ قوشۇلما قىممىتىنىڭ پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: تەكشۈرۈش- باھالاشنى تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتى ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي نەتىجە، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، قاتتىق ئۆلچەم بىلەن باھالاش ۋەزىپىسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاش كېرەك. مەسىلىنى تۈزىتىشنى كۈچەيتىپ، «دەرھال تۈزىتىش» بىلەن «ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاققىچە ئەسقاتىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ھەقىقىي تۈزىتىش، ئەمەلىي تۈزىتىش داۋامىدا خىزمەت سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. باھالاشنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىقىنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە دائىر تۈرلۈك تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشقا ئاجرىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

 تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ھەم ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125