ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى
22:50:23 2024-10-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، گۈزەل           شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كۈچنى توپلاش كېرەك

  ما شىڭرۇي سۆز قىلدى

   ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

 خەۋىرى  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 9- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق ئەمەلىيىتى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، خۇلاسىلەندى، جانلىق- جۇشقۇن، تىنچ- ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ توپلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى سېرجان ئۇقاباي، جۇڭگو دېھقان- ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى مېڭ چىڭسەي، شىنجاڭ يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى رۇڭ چېڭ، قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئابلىكىم ئابلىمىت پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

 كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملەشكەن تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئوندا چىڭ تۇرۇش»قا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى مەھكەم ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە جۇڭگونىڭ يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتى ۋە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 1951- يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى مەزگىلدىكى سىياسىي كېڭەش ۋە بىرلىك سەپ خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇش، كۈچنى توپلاش، تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك ئىشلار ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن، شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان ھەر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىياسىي كېڭەش خىزمەتچىلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، شىنجاڭ سىياسىي كېڭىشىگە قاتناشقان ھەرقايسى پارتىيە- گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملىشى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشى، ئەقىل- پاراسەتنى مۇجەسسەملىشى، كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك. توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئىدىيەۋى- سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى پارتىيە- گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي جەھەتتە ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش، ئىدىيە جەھەتتە ئورتاق ئىلگىرىلەش، ھەرىكەت جەھەتتە قەدەمنى بىردەك ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلار توپلاشقان، ئەقلىي كۈچ  توپلانغان بولۇشتەك ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، قاراتمىلىق تەدبىر- تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلىك سەپنىڭ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كۈچ توپلاشتىن ئىبارەت سىياسىي ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار ۋە پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىنى قوللاپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى ياخشى سىزىپ چىقىشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مىللەت، دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ماسلىشىپ، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقە باغلاپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى پائال ياخشى سۆزلىشى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى پائال ياخشى سۆزلىشى كېرەك. خىزمەت تۈزۈمى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى تۈزۈمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش كېڭىشىشى بىلەن باشقا كېڭىشىش شەكىللىرىنىڭ ماسلىشىپ ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر سىياسىي كېڭەشنىڭ نۇقتىلىق تەكلىپلىرىنى بېجىرىشكە باشلامچىلىق بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى سىياسىي سالاھىيىتىنى قەدىرلەپ، سىياسىي پەزىلىتىنى تاۋلاپ، سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، تەدبىر بەلگىلەش، مەسلىھەت بېرىش، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە پائال ئاتلىنىشقا يېتەكلىشى كېرەك. 

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشىنى پائال قوللاپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىگە باشلامچىلىق بىلەن قاتنىشىشى، پارتىيە سىرتىدىكى دوستلار بىلەن كەڭ دائىرىدە دوست بولۇشى كېرەك. سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى رەھبەرلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي كېڭەشتە پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

 نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەۋزەللىكى، رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتى تۈزۈم- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

 ئېلزات ئەخمەتجان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن قىسمەن پېشقەدەم يولداشلار؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش ۋە ھەرقايسى ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمەت كومىتېتلىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، ھەرقايسى ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشتىكى مەسئۇل يولداشلار؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى قىسمەن ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، ئاساسىي قاتلامدىكى سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن ئەزالىرى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن خىزمەتچىلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125