جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاپتونوم رايون داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
19:42:23 2024-10-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاپتونوم رايون داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

10- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى 

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە، 10- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچىدە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى جۇڭگو دۇنياغا كەلگەن كۈننى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشتىكى ئىشەنچ ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە ئورتاق نەزەر سالدى. ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ قاتارلىق ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە مۇراسىمغا قاتنىشىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان گۈزەل تىلىكىنى بىلدۈردى. جاڭ جۇ سۆز قىلدى.

 ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا كۆك ئاسمان سۈپسۈزۈك بولۇپ، قۇياش ئىللىق نۇر چېچىپ تۇراتتى، مەيداننىڭ ئىككى تەرىپىگە تىزىلغان گۈل- گىياھلارنىڭ شەكلى ئىخچام بولۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز» «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن قىزىل چوڭ خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.

 دۆلەت بايرىقىغا يۈزلىنىپ، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن رەتلىك سەپ بولۇپ تىزىلدى. مۇراسىمغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن كەلگەن ھەر مىللەت ئامما تەرتىپلىك يىغىلىپ، تەنتەنىلىك پەيتنىڭ يېتىپ كېلىشىنى جىمجىت كۈتتى.

 تەخمىنەن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى باشلاندى. دۆلەت بايرىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر مىلتىق كۆتۈرۈپ، مەردانە قەدەم تاشلاپ، ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى مۇھاپىزەت قىلىپ، بايراق چىقىرىش سۇپىسىغا قاراپ ماڭدى.

 ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى» ياڭرىشى بىلەن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلدى. بارلىق كادىرلار، ئامما سالماق ھالدا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، دۆلەت بايرىقىغا نەزەر سالىمى بەردى.

 بالىلار جاراڭلىق سۈزۈك ئاۋازدا «ۋەنجياڭ» ناملىق ناخشىنى ئېيتتى، پىيونېرلار رەتلىك تىزىلىپ بېغىشلىما سۆزى قىلدى. «بۈگۈنكى جۇڭگو مەردانە كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن مەزمۇت قەدەم تاشلىدى. بۈگۈنكى جۇڭگو شان- شەرەپ قۇچۇپ، شەرقتە قەد كۆتۈردى.» بالىلار يۇقىرى ئاۋازدا شوئار توۋلىدى: بىز ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيىمىز، گۈزەل ماكان قۇرۇشقا ئىرادە باغلىدۇق! كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىمىز!

 75 يىل بوران- چاپقۇن ۋە جەبىر- جاپالارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل تارىخىي خاراكتېرلىك غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. 75 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىنىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىرىپ، تەرەققىياتى كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مەردانە مۇساپىسىگە قەدەم قويدى. دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىپ، جاسارەت بىلەن شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىمىز.

 دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلاردىن يەنە ياڭ چېڭ، چېن مىڭگو، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ۋە كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بار.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125