ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز بايەكە كەلدىبېك قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت تۆھپە شەرىپىگە ئېرىشكۈچىلەر بىلەن كۆرۈشتى
نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى
10- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن «خەلق قوغدىغۇچىسى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچى بايەكە كەلدىبېك ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، «1- ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى مەمەتجان ئۆمەر بىرلىكتە كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن «خەلق قوغدىغۇچىسى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچى بايەكە كەلدىبېك ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، «1- ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى مەمەتجان ئۆمەر بىرلىكتە كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تىزناپ يېزىسىدىكى سابىق چېگرا قوغدىغۇچى بايەكە كەلدىبېككە «خەلق قوغدىغۇچىسى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى. ئۇلار بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشى چېگرا بىرىنچى سېپىدە 70 نەچچە يىل يىلتىز تارتىپ، ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ يول باشلاپ، ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىنى مۇھاپىزەت قىلدى. ئۈچ يىل ئىلگىرى بايەكە كەلدىبېكنىڭ ئوغلى لاچىن بايەكە سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزۇش يولىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى.
2021- يىلى «1- ئىيۇل» ھارپىسىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەمەتجان ئۆمەرگە «1- ئىيۇل ئوردېنى» بېرىپ، ئۇنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە تىنچلىقىنى قوغداشتىكى ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى تەقدىرلىدى ۋە مۇكاپاتلىدى.
كۆرۈشۈشتە، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز بايەكە كەلدىبېك ۋە مەمەتجان ئۆمەر بىلەن قىزغىن پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سەمىمىي سورىدى، ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، جۇمھۇرىيىتىمىز قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە تەقدىرلىدى ۋە مۇكاپاتلىدى، بايەكە كەلدىبېك «خەلق قوغدىغۇچىسى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشتى، بۇ، ئۇلار بىر ئائىلىنىڭ شان- شەرىپى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن چېگرا لىنىيەسىدىكى مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ شان- شەرىپى، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭدىكى 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پەخرى. باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئۆزى ئوردېن، مېدال بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ، باش شۇجى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى يۈكسەك ئۇلۇغلايدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا چوڭقۇر كۆيۈنىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە سەمىمىي تاپشۇرۇقنى قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: بايەكە كەلدىبېك ۋە مەمەتجان ئۆمەر ۋەتەننىڭ تىنچلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلقنىڭ بەختىنى قوغداشنى يۈكسەك بۇرچ قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسەتتى، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدىغان كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەر. بىز ئۇلارنىڭ سادىقلىق بىلەن پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاش، ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈشتەك سەمىمىي قەلبىدىن ئۆگىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىقنى قوغداش، قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈشتەك ئاڭلىق ئىنتىلىشىدىن ئۆگىنىپ، ئۇلارنىڭ ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئارمىيەنى سۆيۈش، ئاممىنى كۆڭلىگە پۈكۈشتەك سەمىمىي ھېسسىياتىدىن ئۆگىنىپ، ئۇلارنىڭ جاپا- مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشىدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق روھىدىن ئۆگىنىپ، ئۈزلۈكسىز مەنىۋى كۈچ قوبۇل قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئامما تەقدىرلەنگەن، مۇكاپاتلانغان قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى ئۈلگە قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بۇرچ- ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىرادىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش قابىلىيىتىنى تاۋلاپ، باتۇرلۇق بىلەن قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش تۆھپىكارلىرىدىن بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت قەھرىمان نەمۇنىچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە قەھرىمانلارنى ئۇلۇغلايدىغان، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىدىغان، قەھرىمانلاردىن بولۇشقا ئىنتىلىدىغان كەيپىيات يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىشى كېرەك.
بايەكە كەلدىبېك، مەمەتجان ئۆمەر مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي تۆھپە شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىمىزدىن چەكسىز پەخىرلەندۇق، مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئېغىرلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ياش ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، دۆلەت ئۈچۈن چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشىمىز.
ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.