جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى خەلق قەلبىنىڭ مايىللىقى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، تارىخىي مۇقەررەرلىك
00:10:07 2024-10-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

 خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

 «جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە ئۇلۇغ مىللەت.» مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تومۇرداش بولۇشى، ئېتىقادىنىڭ ئوخشاش بولۇشى، مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىشىشى، ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر- بىرىگە تايىنىشى، ھېسسىيات جەھەتتە ئۇرۇق- تۇغقاندەك ئۆتۈشى قاتارلىق بەش جەھەتتىن «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى خەلق قەلبىنىڭ مايىللىقى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، تارىخىي مۇقەررەرلىك»لىكىنى چوڭقۇر بايان قىلدى، «5000 يىلدىن ئارتۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بارلىققا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ ۋەتەن، ئۇلۇغ مىللەتكە مەڭگۈ پۈتكۈل جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇزاق مەزگىللىك ھېسسىيات رىشتى باغلانغان»لىقىنى چوڭقۇر كۆرسەتتى.

 جۇڭگو تارىخى دەل ھەرقايسى مىللەتلەر يۇغۇرۇلۇپ- توپلىنىپ شەكىللەندۈرگەن كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى، دەل ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق بەرپا قىلغان، تەرەققىي قىلدۇرغان، مۇستەھكەملەپ بىرلىككە كەلتۈرگەن ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ تارىخى. نەچچە مىڭ يىللىق ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە جۇڭگو خەلقى باشتىن- ئاخىر بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپا- مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بەرپا قىلىپ، 56 مىللەتنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن، گىرەلىشىپ يۇغۇرۇلۇشتىن ئىبارەت ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى شەكىللەندۈردى. بولۇپمۇ چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىكنى قوغداش مۇساپىسىدە، ھەر مىللەت خەلق مىسلىسىز ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىسلىسىز مۇشەققەت ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان شىجائەتكە تولغان بۈيۈك تارىخىي داستانىنى پۈتتى. تارىخ شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئېچىپ، بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، پارلاق جۇڭگو تارىخىنى ئورتاق پۈتۈپ، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق يارىتىپ، ئۇلۇغ مىللەت روھىنى ئورتاق يېتىلدۈردى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلىشىشى دۆلىتىمىزنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان مول مىراس، شۇنداقلا دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكى.

 جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گەۋدىلىك بىرلىككە ئىگە، چوڭقۇر دۆلەت ھېسسىياتى ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى قوغداشتىكى خەلق رايى ئاساسىنى سېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ- خەتەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز گۈللىنىشىدىكى مەنىۋى تىرەككە ئايلاندى. جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، يەتكۈچە ئازاب- ئوقۇبەت تارتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشى، ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشىدىكى ئاچقۇچ − جۇڭخۇا مىللىتىدە باشتىن- ئاخىر دۆلەت زېمىنى پارچىلىنىپ كەتسە بولمايدۇ، دۆلەت قالايمىقانلىشىپ كەتسە بولمايدۇ، مىللەت چېچىلىپ كەتسە بولمايدۇ، مەدەنىيلىك ئۈزۈلۈپ قالسا بولمايدۇ دەيدىغان ئورتاق ئېتىقادتا چىڭ تۇرغانلىقىدا. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇغۇرۇلۇشى، كۆپ خىللىق بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشۇشى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ھەممىنى قوبۇل قىلىشىدىن، ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر- بىرىگە تايىنىشىدىن، ھېسسىيات جەھەتتە بىر- بىرىگە يېقىنلىشىشىدىن بولغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىققا، بىرلىككە ئىنتىلىشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدىن بولغان. تارىخ شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تومۇرداش بولۇشى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى تارىخىي ئاساس؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئېتىقادىنىڭ ئوخشاش بولۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بەرپا قىلىشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ؛ ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىشىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيلىك ئەندىزىسى بەرپا قىلىشىدىكى مەدەنىيەت گېنى؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر- بىرىگە تايىنىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي گەۋدە بەرپا قىلىشىدىكى قۇدرەتلىك كۈچ؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات جەھەتتە ئۇرۇق- تۇغقاندەك ئۆتۈشى جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشتىكى كۈچلۈك رىشتە.

 ھەر مىللەت خەلق بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتۈش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جەزمەن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، بىز شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، جۇڭخۇا مىللىتى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىل ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسى، ھەرقايسى مىللەتلەر پەقەت ئۈزلۈكسىز ئىتتىپاقلىشىپ يۇغۇرۇلۇپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىگە سىڭىشكەندىلا، ئاندىن تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئىگە بولالايدۇ؛ بىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلىتىمىزنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق بەرپا قىلغان، شۇنداقلا ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق قوغدىشى، مۇستەھكەملىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشى شەرت؛ شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ياراتقان، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ يېڭى پارلاق سەھىپىسىنى يارىتىشتا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ يۇغۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش شەرت؛ ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مىللەتلەر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ئۈزلۈكسىز سىڭىشىپ، ئىقتىسادىي ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولالايدۇ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ؛ ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزئارا ئۇرۇق- تۇغقاندەك ئۆتۈش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى كۈچلۈك رىشتە، ھەر مىللەت خەلق باراۋەر، ئىتتىپاق بولغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى كېرەك.

 جۇڭخۇا مىللىتى بىر تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە، بىرى گۈللەنسە، باشقىلىرىمۇ گۈللىنىدۇ، بىرى زىيانغا ئۇچرىسا، باشقىلىرىمۇ زىيانغا ئۇچرايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بۇ بىپايان، گۈزەل، مۇنبەت زېمىندا ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر ماكانى بار، ئۇ دەل جۇڭگو؛ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر سالاھىيىتى بار، ئۇ دەل جۇڭخۇا مىللىتى؛ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر ئىسمى بار، ئۇ دەل جۇڭگولۇق؛ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر ئارزۇسى بار، ئۇ دەل جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش!» كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىگە بولغان تەۋەلىك تۇيغۇسى، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى، شەرەپ تۇيغۇسىنى سىجىل كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتساقلا، بىز چوقۇم جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىيەلەيمىز.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125