ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
10- ئاينىڭ 1- كۈنى − دۆلەت بايرىمى. شۇ كۈنى، شىمالىي شىنجاڭ يايلاقلىرىدىكى يېزا- بازارلاردىن جەنۇبىي شىنجاڭ قۇملۇقلىرىدىكى يېڭى كەنتلەرگىچە، شەھەر مەيدانلىرىدىن مەھەللە كوچىلىرىغىچە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىدا ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، شامالدا جەۋلان قىلدى. تىيانشان ئوغۇل- قىزلىرى تولۇپ تاشقان چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئۇلۇغ ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
سەھەر، ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن تاڭ قۇياشىنى كۈتۈۋېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى قارىيا كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە بۇ كەنتتىكى 200دىن ئارتۇق ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما رەتلىك سەپ بولۇپ تىزىلىپ، دۆلەت بايرىقىغا قاراپ نەزەر سالىمى بېرىپ، دۆلەت شېئىرىنى تەڭ ئېيتىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
«بۈگۈن، بىز چەكسىز خۇشاللىق ھېسسىياتى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك: <75 يىللىق جاپالىق كۈرەش ئارقىلىق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى ھەم چەكسىز پارلاق، شانلىق ئىستىقبال نامايان بولدى>، ۋەتىنىمىز ياخشى بولسا، بىزمۇ ياخشى بولىمىز، مەن تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئېتىقاد بىلەن ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يولىدا قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەيمەن» دېدى قارىيا كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى جاۋ شۆجۈن.
قونجىراپ پورتىدا، ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرىغا ئەگىشىپ، ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلدى، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى قونجىراپ چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر دۆلەت بايرىقىغا يۈزلىنىپ نەزەر سالىمى بەردى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى چىن قەلبتىن ئۇرغۇپ چىقتى.
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى قونجىراپ پورتىنىڭ «قىزىل دۆلەت دەرۋازىسى، ئۇپۇقتىكى مۇھىم ئۆتكەل» دېگەن نامى بار بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 5100 مېتىر ئېگىزلىكتىكى «كوئېنلۇن چوققىسى»دا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. قونجىراپ چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى قونجىراپ پورتىنىڭ چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈشى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان. ھەر دۈشەنبە كۈنى، خەلق ساقچىلىرى دەل ۋاقتىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىدىغان بولۇپ، دۆلەت بايرىمى كۈنى بايراق چىقىرىش تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش.
شېنجېن گېزىتچىلىك گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور جۇ يۇڭفېڭمۇ شۇ كۈنى قونجىراپقا كېلىپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. «بۈگۈن قونجىراپ دۆلەت دەرۋازىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم،خەلق ساقچىلىرىنىڭ قەھرىتان سوغۇق، ئوكسىگېن كەمچىل بولۇشتىن قورقماي، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي دەرۋازىسىنى چىڭ ساقلاش روھى مېنى تەسىرلەندۈردى، بۇ يەردە بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ۋەتەننى سۆيۈشنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم» دېدى جۇ يۇڭفېڭ.
ئونمىڭ چاقىرىملىق تاغ- دەريالار گۈزەل تۈسكە كىردى، پۈتۈن مەملىكەت شاد- خۇراملىققا چۆمۈپ، گۈللىنىش دەۋرى مەدھىيەلەندى. 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، سانجى شەھىرىنىڭ چوڭ- كىچىك كوچىلىرى، باغچە، مەيدانلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، قىزىل بايراقلار جەۋلان قىلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى سانجى شەھىرىنىڭ ياشىن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.
«ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ، خۇددى ۋەتىنىمىزنىڭ نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئازاب- ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، شانلىق ئۇلۇغ مۇساپىنى ياراتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم، دۆلىتىمىزنىڭ كۈنسېرى قۇدرەت تېپىۋاتقانلىقى ۋە گۈللەپ ياشناۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، مەندە بىر خىل كۈچلۈك ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى ئىختىيارسىز پەيدا بولدى» دېدى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى سۈن شۆلياڭ.
شۇ كۈنى سائەت 10لاردا، ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئالتاي شەھىرى خاندىغات موڭغۇل يېزىسى جوساتى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتىدا ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلدى.
جوساتى كەنتى ئېرتىش دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئالتاي شەھىرىگە 90 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسى(ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىدارىسى، سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى)نىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جوساتى كەنتىنىڭ كونا قىياپىتى يېڭىلاندى.
«بىز زور كۈچ بىلەن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈش، كەنت قىياپىتىنى سىجىل ياخشىلاش، يېزا ئىگىلىك كەسپىنى تەدرىجىي كۆلەملەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەتنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بۇنىڭدىن كېيىن بىز تېخىمۇ تىرىشىپ، كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمىز» دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسى(ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىدارىسى، سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى)نىڭ جوساتى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى ليۇ شياۋمىڭ.
قىزىل بايراق لەپىلدەپ، دۆلەت شېئىرى ياڭرىدى! 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، خوتەن شەھىرى ئىتتىپاق مەيدانىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى ئەتىگەندىلا، شەھەر ئاھالىلىرى تەرەپ- تەرەپتىن ئىتتىپاق مەيدانىغا يىغىلىپ، رەتلىك تىزىلىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق تۇردى.
سائەت 10لاردا، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. دۆلەت بايرىقىنى قوغداش ئەترىتى مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، بايراق چىقىرىش سۇپىسىغا قاراپ مەردانە ماڭدى، ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى» ياڭرىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر سۈكۈتتە تۇرۇپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققا قاراپ نەزەر سالىمى بەردى، پىيونېرلار ئەترەت سالىمى بەردى، بىرلىكتە دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.
ھازىر، خوتەن ۋىلايىتىدە كەسىپ سىستېمىسى يەنىمۇ تاكامۇللاشتى، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئىناق، مۇقىم بولدى، مەدەنىيەت گۈللىنىپ تەرەققىي قىلدى، خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتى سىجىل ئاشتى. «ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى، تۇرمۇشىمىزنىڭ تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل بولۇشىنى تىلەيمەن» دېدى خوتەن شەھىرى ئاھالىسى بۇمەريەم تۇرسۇن.
بايراقنى بىرلىكتە چىقىرىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش. شۇ كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسى خەلق مەيدانىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
چەرچەن ناھىيەسى كوئېنلۇن تېغى، ئالتۇنتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ جاي دىققەتنى قېزىلما بايلىق، نېفىت- تەبىئىي گاز، سۇ، تۇپراق، شامال، يورۇقلۇق، قۇملۇق مەنزىرىسى قاتارلىق بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېشىل كانچىلىق، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، يېڭى ئېنېرگىيە، قۇم تىزگىنلەش، مەدەنىيەت- ساياھەت قاتارلىق كەسىپلەرگە كۈچەپ، خەلقنى بېيىتىپ ناھىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.
«ناھىيەمىزنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، كەنتىمىز ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلدى، مېنىڭ يىللىق ساپ كىرىمىم 30 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا.» ناھىيە بازىرىغا تۇغقان يوقلىغىلى كەلگەن قوراملىق يېزىسى قوراملىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى قاۋۇل بەدۇللامۇ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا كەلدى، «ھەر قېتىم بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى كۆرگىنىمدە، ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلىمەن، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ قوينىدا تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ».
(مۇخبىرلار جەزىرە نېسىپبېك، لى ياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ چىن)