گاۋ ۋا
لەپىلدەپ تۇرغان قىزىل بايراق، ياڭراق ناخشا ئاۋازى، يېقىملىق تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان چىرايلار... دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار كۆپ خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى، ھەر مىللەت ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى. دۆلەت بايرىمى بىر بايرام، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ سىمۋولى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان ئەڭ چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان تىلەك.
ۋاقىت ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ كۈرەش ئىزىنى سادىقلىق بىلەن خاتىرىلەيدۇ. تارىخقا نەزەر سالساق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، سانسىزلىغان ۋەتەنپەرۋەر ئىرادىلىك زاتلار جاسارەت بىلەن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، «مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن يېڭى بىر دۇنيا يارىتىش»تەك كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى بىلەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ قىياپىتىنى قەدەممۇقەدەم ئۆزگەرتتى؛ بۈگۈنكى كۈنگە قايتا نەزەر سالساق، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى قان تومۇرىغا سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ قىزغىن ئەمەلىيىتىگە ئاتلاندى؛ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشتا، يەنە بىزنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
دۆلەت بايرىمى ھەم دۆلەتنىڭ كاتتا مۇراسىمى، ھەم خەلقنىڭ بايرىمى، ئۇنىڭغا خەلقنىڭ ۋەتەنگە بولغان تىلىكى ۋە گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن. پۈتۈن مەملىكەت ئورتاق تەبرىكلەۋاتقان پەيتتە، بىز زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىمىزنى كونكرېت، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى كۈرەش جەريانىدىكى ھەربىر تامچە تەرىمىزدە، ھەربىر ئالغا ئىلگىرىلەش ئىزىمىزدا نامايان قىلىپ، ھەممە بىر مەقسەتتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ، ۋەتىنىمىزنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپتۇرايلى، تېخىمۇ گۈللەندۈرەيلى.
(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)