دەي لى
كوئېنلۇننىڭ ئىچكىرىسى، ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون، شى شيۇلى قاتارلىق ئېگىزلىكتىكى بۇ ئايال ئەسكەرلەر «جان تىكىپ ئېلىشىش»نى ئەڭ ئىسسىق قېنى بىلەن پۈتكەن ھاياتلىق سەھىپىسى قىلىپ، «چىڭ ساقلاش»نى ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ياشلىق ئاساسى رېڭى قىلىپ، ۋەتەن چېگرا رايونىنىڭ خاتىرجەم- ئىناق بولۇشى ئۈچۈن، «ئەسكەر»لىك بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، «ئاياللار»نىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.
سادىقلىق بىلەن كۈرەش قىلىش، ۋەتەننى قوغداش بۇ ئايال ئەسكەرلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا چاقناپ تۇرغان ھەربىيلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى، دەل مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان تەۋرەنمەس ئېتىقادى، جەڭدە جەزمەن غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان قەتئىي ئېتىقادى. قار- شىۋىرغان ھەربىي يۈرۈشكە ئاتلانغان جەڭچىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇلار مەشىق مەيدانىدا ماھارەت كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. يارىلانسىمۇ چېكىنمەي، ھەر خىل مەشىقلەردە ۋايسىماي، ئۆزىنى چېنىقتۇرۇپ، جاپالىق ماھارەت يېتىلدۈرۈش جەريانىدا، «كىچىككىنە مەن»نى ياخشى ئەسكەر، سەرخىل ئەسكەر، كۈچلۈك ئەسكەرگە ئايلاندۇرۇپ، سەددىچىن سېپىلىنى قوغدايدىغان، يىمىرىلمەس ئۇيۇل تاشتەك ئىرادىنى تاۋلاپ چىقتى.
ساپ مۇھەببەت، باتۇر قەلب، ئايال ئەسكەرلەرنىڭ مۇھەببىتى ئەسلىدىنلا چوڭقۇر، ئايال ئەسكەرلەرنىڭ ئۆزىگە خاس سالاپىتى بار. ھەربىيلەرنىڭ ئالدىدىكىسى بازا ئالدىنقى سېپى، ھەربىيلەرنىڭ كەينىدىكىسى ھەممە ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا مۇداپىئەسىگە تۆھپە قوشۇشنىڭ ھەممىسى ۋەتەنگە بولغان ئەڭ چوڭقۇر ھېسسىيات، خەلققە بولغان ئەڭ يالقۇنلۇق قىزغىن مۇھەببەت. «كىچىككىنە مەن» بىلەن «چوڭ ئائىلە»نىڭ يىلتىزى بىر- بىرىگە باغلانغان، تەقدىرى بىر- بىرىگە باغلانغان، بۇ، قەلبنىڭ ئىللىق قۇياشقا بولغان تاللىشى، ئىرادىدىن يانمايدىغان ئارزۇنى قوغلىشىشى، پۇشايمانسىز ھاياتنىڭ ئۆركەشلىشى.